2014-يىلى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ياۋروپا-ئامېرىكا بىرلىشىپ رۇسىيەنى جازالاشنى باشلىدى. شۇنداقتىمۇ، بۇ قېتىمقى جازالاش خۇددى پۇتى قىچىشسا، ئۆتۈكنىڭ تېشىدىن قاشلىغانغا ئوخشاش ئەمەلىي ئۈنۈمى كۆرۈلمىدى. بۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپا رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازىغا كۈچلۈك دەرىجىدە تايىنىدىغان بولغاچقا، جازالاش ئۈنۈمىنى كۆرسىتەلمىدى. 2014-يىلى يىل ئاخىرىدا نېفىت باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، رۇسىيەنىڭ مالىيە راسخوتىدا جىددىي ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 2015 - يىلى ماي باھاسى ئۇدا چۈشۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 2016-يىلىنىڭ بېشىغا كەلگەندە، خەلقئارادا بىر باك نېفىتنىڭ باھاسى 30 دوللارلىق نۇقتىنىمۇ ساقلاپ قالالمىدى.
بىر تۈرلۈك ئانالىز دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى رۇسىيەنى جازالاشتىكى خەلقئارالىق سىياسىي تەدبىرنىڭ داۋاملىشىش بولۇپ، ھەتتا بەزىلەر نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى رۇسىيە ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىدۇ، دەپ ئالدىن پەرەز قىلغان. بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، غەربنىڭ ئىقتىسادىي جازاسى ۋە نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى تەسىرىدە رۇسىيە ئىقتىسادى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىدى. رۇسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى %4 تۆۋەنلەپ، رۇسىيەنىڭ پۇل پاخاللىق نىسبىتى %13 كە يەتتى. بىراق رۇسىيە سۈرىيەدە توختىماي ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىپ (ھەربىي ھەرىكەت چىقىمىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ)، ئۆزىنىڭ بىر ئىقتىسادىي ئاجىز دۆلەت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇنىڭ ئەكسىچە بىرازىلىيە، ۋىنسۇئېلا، نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ قېتىمقى كىرىزىستا قاتتىق زەربىگە ئۇچرىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، نېفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق رۇسىيە ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلغىلى بولىدۇ، دېگەن قاراشنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، چۈنكى رۇسىيە ئىقتىسادى ۋەيران بولۇشتىن بۇرۇن، دۇنيا تەرتىپىنى قاتتىق قالايمىقان قىلىۋېتىشى مۇمكىن.
يەنە بىر ئانالىز دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، نېفىت باھاسى چۈشۈشىنىڭ مەقسىتى ئامېرىكىنىڭ سىلانېتس مېيىنى ۋەيران قىلىش ئىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانى باشچىلىقىدىكى نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەھسۇلات مىقدارىنى ئازايتماسلىقتا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ سىلانېتس مېيىنى ۋەيران قىلىش، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بازارنى مونوپول قىلىش ئورنىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ. نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىنىڭ تەسىرىدە، ئامېرىكىدىكى 40 نەچچە سىلانېتس مېيىنى شىركىتى ۋەيران بولۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئاز كەم 100 مىڭ ئىشچى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالدى.
ئامېرىكا سىلانېتس مېيى كەسپى ۋەيران بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى، بىراق ئامېرىكىنىڭ نېفىت كەسپى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى. 2015-يىلى ئامېرىكىنىڭ كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2014-يىلىغا قارىغاندا، بىر مىليون 300 مىڭ باكتىن كۆپرەك ئاشتى. ئامېرىكىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئېشىپلا قالماي يەنە، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا داۋاملاشقىنىغا 40 يىلدىن ئاشقان خام نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلدى. نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى تەسىرىدە، ئامېرىكىنىڭ سىلانېتس مېيى زەربىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىت بازىرىنى قوغداشقا ئىلاجىسىز قالدى، ئەكسىچە ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان خام نېفىت خەلقئارا بازارغا كىرىشكە باشلىدى. ئامېرىكىنىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلىشى، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا نېفىت باھاسىنى بېسىپ، تەييار ماي باھاسىنى بېكىتىش ھوقۇقىنى كونتىرول قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
نېمىشقا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىشى ئامېرىكا نېفىت كەسپىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا كۆپ زىيان سالالمايدۇ؟ چۈنكى بۇ ئامېرىكىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە نېفىت خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
2014-يىلى يىل ئاخىرىدىن 2015-يىلى يىل ئاخىرىغىچە بولغان بۇ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، ھەر بىر تۇڭ نېفىت باھاسى 94 دوللاردىن 40 دوللارغا چۈشۈپ، چۈشۈش نىسبىتى %57 بولغان بولسىمۇ، بىراق ھەر گاللون تەييار ماي باھاسى 3.55 دوللاردىن 2.73 دوللارغا چۈشۈپ، چۈشۈش نىسبىتى %23 بولغان. باشقا نېفىت خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىدا ئاساسەن ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان. مەسىلەن: سۇلياۋ تاماق قاچىسى، سۇلياۋ خالتا، پىلاستىك رەخت، سۇلياۋ ماتېرىيال قاتارلىقلارنىڭ باھاسى تۆۋەنلىمىگەن.
ئەگەر بىر نېفىت شىركىتى، نېفىت ئېچىش، نېفىت ئايرىش ۋە ماي قاچىلاش پونكىتى قاتارلىق بارلىق كەسىپ زەنجىرىنى كونترول قىلالىسا، بۇ نېفىت شىركىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا چوقۇم تەننەرخىنى باشقۇرىدىغان ئىچكى خام نېفىت باھاسى بولىدۇ. بۇ ئىچكى خام نېفىت باھاسى، شىركەتنىڭ خام نېفىت قېزىشقا كەتكەن تەننەرخىگە شىركەتنىڭ پايدا نىسبىتىنى قوشقان ئەھۋالدا شەكىللىنىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا بۇ شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى باھا، خەلقئارا نېفىت باھاسىغا بېقىنمايدۇ. خەلقئارا بازاردا نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ بۇ شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نېفىت باھاسىدىن تۆۋەن ھالەتكە كەلگەن ۋاقىتتا، شىركەت خەلقئارا بازاردىن نېفىت سېتىۋېلىشنى، ئۆزى نېفىت قېزىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدۇ.
خەلقئارا خام نېفىتنىڭ سېتىلىش باھاسى يۇقىرى بولۇشى بازار باھاسى ئەمەس، بەلكى جۇغراپىيەلىك سىياسىي باھا، بايلىقنى مونوپول قىلىشتىن شەكىللەنگەن باھا، بۇ باھا بازاردىكى تەمىنلەش بىلەن تەلەپ ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق نۇقتىسىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، پەقەت نېفىت كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن نۇقتىسىدا تورت ئايرىيدىغان خەلقئارا سىياسەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
ئەگەر بىز نېفىت كەسىپ زەنجىرىنى نېفىت ئېلىش ۋە نېفىت ئايرىش قاتارلىق ئىككى بۆلەككە ئايرىساق، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشى زەربە بېرىدىغىنى نېفىت مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت ۋە نېفىت ئىستېمال قىلىدىغان دۆلەتلەر بولىدۇ. نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى زەربە بېرىدىغىنى نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەردۇر. ئەگەر بىر دۆلەت بىر تەرەپتىن خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانسا يەنە بىر تەرەپتىن نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانسا، مەزكۇر دۆلەتنىڭ بۇ ئىككى بۆلەك كەسىپ زەنجىرىدە خەلقئارا خام نېفىت باھاسىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تاقابىل تۇرۇش كۈچى بولىدۇ، مەزكۇر دۆلەتنىڭ خەلقئارا خام نېفىت باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان سەزگۈرلۈكى تۆۋەنلەپ، خەۋپ-خەتەر كىچىكلەيدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، نېفىت ئايرىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت، نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان زەربىگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ.
تۆۋەندە، بىز 2015-يىلى خام نېفىت باھاسى جېڭىدە مۇھىم رول ئوينىغان ئۈچ باش پېرسوناژ ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدا ئامېرىكا خەلقئارادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ھەركۈنى 13 مىليون 970 مىڭ تۇڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىدۇ؛ سەئۇدى ئەرەبىستانى خەلقئارادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ھەر كۈنى ھەركۈنى 11 مىليون 620 مىڭ تۇڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىدۇ؛ رۇسىيە خەلقئارادا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ھەركۈنى 10 مىليون 850 مىڭ تۇڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىدۇ.
نېفىت ئايرىش سانائىتى جەھەتتە: ئامېرىكا خەلقئارا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ھەر كۈنى 17 مىليون 380 مىڭ تۇڭ نېفىت ئايرىيدۇ، ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت ئايرىش مىقدارى دۇنيا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %18.8 ئىگىلەيدۇ. رۇسىيە خەلقئارا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ھەر كۈنى 5 مىليون 750 مىڭ تۇڭ نېفىت ئايرىيدۇ، رۇسىيەنىڭ خام نېفىت ئايرىش مىقدارى دۇنيا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %6.2 ئىگىلەيدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى خەلقئارا سەككىزىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ھەر كۈنى 2 مىليون 120 مىڭ تۇڭ نېفىت ئايرىيدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ خام نېفىت ئايرىش مىقدارى دۇنيا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %2.3 ئىگىلەيدۇ.
نېفىت ئىستېمالى جەھەتتە: ئامېرىكا خەلقئارا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ھەر كۈنى 19 مىليون 840 مىڭ تۇڭ نېفىت ئىستېمال قىلىدۇ. رۇسىيە خەلقئارا بەشىنچى ئورۇنغا تۇرىدۇ، ھەر كۈنى 3 مىليون 200 مىڭ تۇڭ نېفىت ئىستېمال قىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى خەلقئارا ئالتىنچى ئورۇنغا تۇرىدۇ، ھەر كۈنى 2 مىليون 800 مىڭ تۇڭ نېفىت ئىستېمال قىلىدۇ.
خام نېفىت باھاسى جېڭىدە مۇھىم رول ئوينىغان ئۈچ باش پېرسوناژ ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىنى سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا ساپ نېفىت ئىستېمال دۆلىتى، رۇسىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى بولسا نېفىت ئېكسپورت دۆلىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىلىق، رۇسىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى ئۈچۈن پايدىسىز. نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەن نۇقتىدا تۇرۇش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، ئامېرىكا ئۈچۈن شۇنچە پايدىلىق. نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە زەربە بېرىشىدىكى جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەقسىتىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىقتىسادى ۋەزىيەتكىمۇ پايدىلىق.
سەئۇدى ئەرەبىستانى نېفىت ئېكسپورت قىلغاندىن باشقا يەنە تەييار ماي ئىمپورت قىلىشقا موھتاج، رۇسىيە بولسا تەييار ماي چىقىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. رۇسىيەنىڭ نېفىت ئايرىش ئىقتىدارى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، رۇسىيە تەييار ماي ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق خام نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن ۋاقىتتىكى زىيىنىنى قايتۇرۇۋالالايدۇ. رۇسىيەنىڭ تەييار ماي ئېكسپورت قىلىش مىقدارى ئامېرىكىغا قارىغاندا %36 كۆپ. خام نېفىتتىن كىرگەن كىرىمنىڭ ئازىيىشىغا سېلىشتۇرغاندا، خام نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بولغان تەسىرى رۇسىيەگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. رۇسىيەدە نېفىتتىن باشقا يەنە نۇرغۇن بايلىق مەنبەلىرى بار، يەنە ھەربىي سانائەت قاتارلىق باشقا كەسىپلەر ئارقىلىقمۇ كىرىم قىلالايدۇ، رۇسىيە ئىقتىسادى ھەرگىزمۇ پەقەت نېفىتتىن ئىبارەت بۇ بىر دەرەخكە تايانمايدۇ، مانا بۇ رۇسىيەنىڭ ئەۋزەللىكى. سەئۇدى ئەرەبىستانىغا نىسبەتەن نېفىت ئېچىش تەننەرخى تۆۋەن بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە بولسىمۇ، بىراق سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ چىقىم خام چوتى بۇ ئېچىش تەننەرخى تۆۋەن بولۇشتەك ئەۋزەللىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئېچىش تەننەرخى تۆۋەن بولۇشتەك ئەۋزەللىك دۆلەت ئىچىدىكى تەقسىماتىدىلا بۆلۈشۈپ بولۇنغاچقا، خەلقئارا سودىدا رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ.
شۇڭلاشقا، نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن كېلىپ چىققان بۇ ۋەزىيەتتە، ئالدى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ياكى رۇسىيەنىڭ زەربىگە ئۇچراپ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىشىغا بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا خەلقئارا نېفىت سىياسىي ئۇرۇشىدىكى ئىككى چوڭ پىل، ۋېنىزۇئېلا ۋە نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ ئىككى پىل ئۇرۇشقاندا دەسسىلىپ كېتىدىغان ئوت-چۆپتىن ئىبارەت. سەئۇدى ئەرەبىستانى بولسا بۇ ئىككى پىل ئۇرۇشقاندا دەسسىلىپ كېتىدىغان چاتقالدىنلا ئىبارەت.
2015-يىلى، سۈرىيە ۋەزىيىتىدە رۇسىيەنىڭ تەسىرى كۈچىيىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئامېرىكىنىڭ تەسىرى كىچىكلىدى. ئەگەر نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانى زەربىگە ئۇچراپ ۋەيران بولسا، ئوتتۇرا شەرق سىياسىي ئەندىزىسىدە زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved