نويابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىنى تۇمان قاپلاپ، قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كەيپىياتى ۋە سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتتى، بولۇپمۇ مىچۈن – كۆكتاغ رايونىدا تۇمان ئېغىر بولغاچقا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇپ – قونۇشى توسالغۇغا ئۇچرىدى. بۇ مەزگىلدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى كۆپ قېتىم تۇمانلىق ھاۋارايىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سېرىق سىگنالى بەردى. 10 – دېكابىر ئۈرۈمچىدە ياغقان قېلىن قار توختىغاندىن كېيىن، ھاۋا ئېچىلىپ، تۇمانلىق ھاۋارايى بىز بىلەن ۋاقىتلىق خوشلاشقان بولسىمۇ، بەزى كۈنلىرى كەچتە يەنە ئانچە – مۇنچە تۇمان پەيدا بولۇپ تۇردى.
‹‹تۇمانلىق ھاۋارايىنى نورمال ئەھۋال دېيىشكە بولىدۇ››
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ئىجرائىيە مەلۇماتچىسى دۇ شىنيىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېتەرلىك سۇ، شامال ۋە مۇقىم ئاتموسفېرا قاتلىمى ئاستىدا، تېمپېراتۇرا نۆل سېلسىيە گىرادۇسقا يېقىنلىشىپ، نەملىك دەرىجىسى%100 كە يەتكەندە، ھاۋادىكى ھور ئۇششاق سۇ تامچىلىرىغا ئايلىنىپ، ھاۋادا لەيلەپ، يەر يۈزىدىكى كۆرۈش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن تۇمان ھاسىل بولىدىكەن. تۇماننىڭ يادرولۇق ماددىسى بوشلۇقتىكى ئىس – تۈتەك ۋە چاڭ – توزان بولغاچقا، بۇ ماددىلار بىۋاسىتە ئادەمنىڭ نەپەس يولى ۋە ئۆپكە ياپراقچىسىغا يېپىشىپ، سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
دۇ شىنيىڭ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچىدە تۇمانلىق ھاۋارايى يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ئايرودۇرۇم، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، ئايلانما يول ئېغىزى قاتارلىق جايلارنى تەرتىپلىك باشقۇرۇپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، دالا پائالىيەتلىرىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دياۋ پىڭ مۇنداق دېدى: قىش كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچىدە كۆرۈلۈۋاتقان تۇمانلىق ھاۋارايىنى ھور ۋە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۇدا تۆۋەنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېيىشكە بولىدۇ. بۇ بىر خىل نورمال ھاۋارايى ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھاۋا رايى ئامىلى، جۇغراپىيەلىك يەر شەكلى، يەر يۈزىنىڭ تۈزۈلۈشى قاتارلىق شارائىتلارنىڭ تەسىرىدە، ئاسانلا تۇمان پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە تەتۈر تېمپېراتۇرا قاتلىمى پەيدا بولىدۇ. بولۇپمۇ قىش پەسلىدە تەتۈر تېمپېراتۇرا قاتلىمىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزاق بولغاچقا، چاڭ – توزان، بۇلغىما ماددىلارنىڭ تارقىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئەتىگەنكى رادىياتسىيەلىك تۇمان كەچتىكى ئادۋېكسىيەلىك تۇمان بىلەن ئۆزئارا بىرىكىپ، تۇماننىڭ ئۇزاق مەزگىل داۋاملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
دياۋ پىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1981 – يىلىدىن بۇيان 11 – ئايدا يۈز بەرگەن تۇمانلىق ھاۋارايىنىڭ كۈن سانى 5.1 كۈنگە يەتكەن، 1988 – يىلى 11 – ئايدا تۇمانلىق ھاۋارايىنىڭ كۈن سانى 14 كۈنگە يېتىپ، تارىختىكى تۇمانلىق ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلگەن بىر يىل بولغان. بۇ يىل 12 – نويابىردىن 29 – نويابىرغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە توققۇز كۈن كۈچلۈك تۇمانلىق ھاۋارايى ھادىسىسى كۆرۈلگەن بولۇپ، تارىختىكى ئومۇمىي سەۋىيەدىن سەل يۇقىرىراق تۇرسىمۇ، بۇنى يەنىلا نورمال ئەھۋال دېيىشكە بولىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل قىش پەسلىدە ئۈرۈمچىدە كۆرۈلگەن تۇمانلىق ھاۋارايى كېلەر يىلى فېۋرالغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن، قىشتا قار كۆپرەك ياغسا تۇماننىڭ تارقىلىشىغا پايدىلىق بولىدۇ. قىش پەسلى ئۆتۈپ كەتسىلا، بۇ خىل تۇمانلىق ھاۋارايى ئاستا – ئاستا پەسىيىدۇ.
‹‹تۇمانلىق ھاۋارايى ھاۋا سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمىدى››
بۇ يىل قىشتىكى تۇمانلىق ھاۋارايىنىڭ ھاۋا سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ئەھۋالىغا قارىتا ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ شىجيەن چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 11 – ئايدىكى ھاۋا سۈپىتىدە، 23 – نويابىر ھاۋا سۈپىتى يېنىك بۇلغىنىش دەرىجىسىگە كىرگەندىن باشقا، قالغان كۈنلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولۇپ باھالاندى. بۇ يىل ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتى %85تىن ئاشتى، يىل ئاخىرىغىچە ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش كۈن سانى 313 كۈنگە يېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، ھازىرغىچە داۋاملاشقان تۇمانلىق ھاۋارايىنى ھاۋا سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمىدى، دېيىشكە بولىدۇ.
خۇ شىجيەننىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى 800 مىڭدىن ئاشقان، بۇ يىل 12 مىڭدىن ئارتۇق ‹‹سېرىق بەلگىلىك ئاپتوموبىل›› بىراك قىلىنىپتۇ. بۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاشتا مۇھىم رول ئويناپتۇ. خۇ شىجيەن ھاۋا سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە تۇمانلىق ھاۋارايى يۈز بەرگەندە قاتناش ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە كۆپرەك ئولتۇرۇپ، شەخسىي ئاپتوموبىللىرىنى ئىمكانقەدەر ئاز ھەيدىشىنى تەۋسىيە قىلدى.
‹‹تۇمانلىق ھاۋارايى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ كېچىكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى››
ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى قوماندانلىق مەركىزىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 20 – نويابىر ئۈرۈمچى ئايروپورتى تۇماننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا كېچىكتۈرۈش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇشى بەرگەن، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7 گىچە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 27 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلگەن. جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 19 – نوبابىر كەچتىن 20 – نويابىر سەھەرگىچە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىكى تۇمانلىق ھاۋارايى سەۋەبىدىن ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتتىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلار نورمال ئۇچالمىغان. ھازىرغىچە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈۋاتقاچقا، نۆۋەتچى ئايروپىلانلار كېچىكىپ ئۇچۇش – قونۇشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈۋېتىپتۇ.
‹‹تۇمانلىق ھاۋارايى قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەيدا قىلدى››
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇمانلىق ھاۋارايى يول قاتنىشىنىڭ راۋان بولۇشىغا، شوپۇرلارنىڭ كۈندۈزدىمۇ تۇمان سىگنال چىرىغى يېقىۋېلىشىغا، پىيادىلەرنىڭ ماسكا تاقاپ يول يۈرۈشىگە سەۋەب بولدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىكى ۋاڭ چيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچىدە تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەندىن بۇيان، شوپۇرلارنىڭ پەرق ئېتىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، قاتناش ھادىسىسى كۆپىيىشى ئالدىنقى ئايلاردىكىدىن كۆپەيگەن، 10 – دېكابىر قاتتىق قار يېغىپ، بىر نەچچە كۈن ھاۋا ئېچىلغان بولسىمۇ، تۇمانلىق ھاۋارايىنىڭ قايتا داۋاملىشىشى بىلەن قاتناشنىڭ يۇقىرى پەللىسىمۇ ئالدىغا سۈرۈلگەن.
ۋاڭ چيەن مۇنداق دېدى: قاتناش ساقچىلىرى يۈرۈش يولىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش، ئاپتوموبىل ئارىسىغا مەجبۇرىي قىسىلىپ كىرىۋېلىش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قانۇنسىز قىلمىشلارنى سادىر قىلغان شوپۇرلارغا تېگىشلىك جازا قوللاندى؛ ئەتىگەنلىك قاتناشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە ئاپتوموبىللارنىڭ تەرتىپلىك يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. بىز تۇمانلىق ھاۋارايى شارائىتىدا شوپۇرلارنىڭ سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى، تاسادىپىي قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغان شوپۇرلارنىڭ رەسىمگە تارتىپ ئىسپات ئالغاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيداندىن ئايرىلىشىنى، قاتناش قىستاڭچىلىقى سادىر بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
‹‹تۇمانلىق كۈنلىرى سالامەتلىككە دىققەت قىلىش كېرەك››
ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئەختىرەم تالىپ مۇنداق دېدى: تۇمانلىق ھاۋارايى نەپەس يولى سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. يۇقىرىقى نەپەس يولى سىستېمىسى ياللۇغلانغاندا، كۆپ چۈشكۈرۈش، يۆتەل، بەلغەم، قىزىش، گال ئاغرىش، باش قېيىش، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. تۆۋەنكى نەپەس يولى سىستېمىسى ياللۇغلانغاندا، كاناي ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، ئاستا خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەسلىدىنلا كاناي ياللۇغى بار كىشىلەر تۇمانلىق كۈنلىرى چوقۇم يېمەك – ئىچمەك، تۇرمۇش ئادىتىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. تۇمانلىق ھاۋارايى شارائىتىدا، شەھەر ئاھالىلىرى مېۋە – چىۋە، يېڭى كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى، قۇۋۋەتلىك غىزالىنىشى، قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچىشى، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىك(ئاچچىق، سوغۇق يېمەكلىك)لەرنى ئاز ئىستېمال قىلىشى، سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاپ، كۆپرەك ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.
![]() |
خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بىڭجۇ بۆلىكىدە دېڭىز يۈزىدە مۇز پارچىلىرى لەيلەپ يۈرمەكتە.
20-يانۋار «قاپاق ياردى» مەزگىلى كىرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بۆل...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved