ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جىنسىي ئايرىۋېتىش ۋە دىنىي جەھەتتىكى سەۋەبلەردىن، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ستارباك ئاياللارنىڭ ستارباكقا كىرىپ ئىستېمال قىلىشىنى ئېنىق چەكلىگەن، ستارباكنىڭ ۋىۋېسكىلىرىغىمۇ كىرىش مەنئىي قىلىش ئاگاھلاندۇرۇشى چاپلانغان.
ستارباكنىڭ ئىشىكىگە ئەرەب ۋە ئىنگلىز يېزىقىدا مۇنداق ئۇقتۇرۇش يېزىلغان: «ئاياللارنىڭ كىرىشى مەنئىي قىلىنىدۇ، ئەگەر سېتىۋالماقچى بولسىڭىز شوپۇرىڭىزنى ئەۋەتىپ سېتىۋېلىڭ، ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت». گەرچە شۇ يەرنىڭ شەرىئەت ساقچىلىرى جىنسىي كەمسىتىش ھادىسىلىرىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ستارباك جىنسىي كەمسىتىش ۋە دىنىي تەسىرلەرنىڭ يەنىلا كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
دېڭىز قولتۇقى رايونىدا ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە ھوقۇقلۇق قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگىنى گۈزەل ئەخلاق ئومۇملاشتۇرۇش ۋە رەزىللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتى ئېنىق قىلىپ، ئاياللارنىڭ قەھۋەخانىغا كىرىپ قەھۋە سېتىۋېلىشىنى مەنئىي قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ كومىتېتى رىياد بازىرىدا دائىملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، جىنسىي ئايرىۋېتىش بەلگىلىمىسىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بايقىغان، ئادەمنىڭ زىچلىقى بىر قەدەر يۇقىرى، ئەر-ئاياللار بىرلىكتە قىستىلىپ تۇرغانلىقتىن، ئادەملەر زىيادە زىچلىق سەۋەبىدىن ئۆزئارا بىر-بىرىگە تېگىپ كېتىپ، ئۇزاقتىن بۇيان يۈرگۈزۈلۈپ كەلگەن جىنسىي ئايرىۋېتىش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىنغان، شۇڭا بۇ بەلگىلىمىنى ئېلان قىلىپ، ئاياللارنىڭ قەھۋەخانىغا كىرىشى مەنئىي قىلىنغان.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىنسىي ئايرىۋېتىش تۈزۈمى ئۇزۇندىن بۇيان يۈرگۈزۈلۈپ كەلگەن، ئاياللار سىرتتا خىزمەت قىلسا، ساياھەت قىلسا ئەر ۋەسىيلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەك. ئاشخانا، دېڭىز ساھىلى، كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى، بانكا قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردىمۇ ئاياللار مەخسۇس ئىشىكتىن كىرىپ ئەرلەر بىلەن ئايرىۋېتىلىشى كېرەك. ستارباكنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرغا، رىيادتىكى ستارباكنىڭ ھازىر ئىچكى قىسمىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى، دۇكاننىڭ قۇرۇلمىسىنى قايتىدىن لايىھەلەيدىغانلىقىنى، ۋاقتى كەلگەندە يەككە خېرىدارلار بىلەن ئائىلە بويىچە كەلگەن خېرىدارلارنى ئايرىپ، بارلىق خېرىدارلارنى باراۋەر مۇلازىمەت ۋە ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، شۇ يەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ۋە بەلگىلىمىسىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، خېرىدارلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved