12-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00 تە، يوڭشىن ناھىيەسى غەربىي خېچۈەن كوچىسىغا جايلاشقان مەلۇم بىر ساتىراچخانىنىڭ ئالدىدا ئوق ئېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۇ كۈنى جىنايەت گۇماندارى گۇ فامىلىلىك زەھەر خۇمارى تۇتۇپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن ئەس ھوشىنى يوقۇتۇپ، ساتىراچخانىدا ئىشىككە ئۇدۇل يەردە چېچىنى يۇيۇۋاتقان ليۇ ئەپەندىگە قارىتىپ تۆت پاي ئوق ئاتقان.
بىرىنچى پاي ئوق ئېتىلمىغان، ئىككىنچى پاي ئوق تەگمىگەن، گۇ فامىلىلىك تاپانچىنىڭ ئوقىنى ئالماشتۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا، جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىن بىر پاي ئوق يەرگە چۈشۈپ كەتكەن، ليۇ ئەپەندى دەرھال يۈگۈرگىنىچە ماشىنىغا چىقىۋالغان، گۇ فامىلىلىك ليۇ فامىلىلىكنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ يەنە بىر پاي ئوق ئاتقان بولسىمۇ ئوق تەگمىگەن، ئۇ ماشىنىنىڭ يېنىغا قوغلاپ بېرىپ يەنە بىر پاي ئوق ئاتقان بولسىمۇ، تەلەيلىك ليۇ ئەپەندى بۇ ئوقتىنمۇ ئامان قالغان. ئارقىدىن گۇ فامىلىلىك ئوڭ قولىدا تاپانچا تۇتقىنىچە ليۇ فامىلىلىكنىڭ ماشىنىسى ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ 100 مېتىرچە ماڭغان.
28-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، جىئەن شەھىرى يوڭشىن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى مىكرو بىلوگىدا ئېلان قىلىنىشىچە، جىنايەت گۇماندارى گۇ فامىلىلىك ئاللىقاچان جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، بۇ دېلو تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەپتىش قىلىنىۋاتقان ئىكەن. بۇ قېتىمقى ئوق چىقىرىشتا ئادەم يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved