شەھەر ئىستېمالچىلار سەھەر گېزىتى خەۋىرى: شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ كۆكتوقاي مەنزىرە ساياھەت رايونىغا بارالايدىكەن.
مۇخبىرنىڭ 27-ئىيۇل جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، كۆكتوقايدىكى يېڭى ئايرودۇرۇم سودا تىجارىتى شەرتىنى ھازىرلىغان بولغاچقا، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي ئايرودۇرۇمىدا تۇنجى نۆۋەتلىك ئاۋىياتىسيە قاتنىشى ـــ ئۈرۈمچى-كۆكتوقاي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدىكەن، بۇ لىنىيەدە ھەر كۈنى بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ لىنىيەدە CZ6693/4 نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىكەن، CZ6693 قېتىملىق ئايروپىلان ھەر كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 09:00 دە ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، 09:50 دە كۆكتوقاي ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن؛ قايتىش مۇساپىسىدە CZ6694 قېتىملىق ئايروپىلان سائەت 10:35 دە كۆكتوقاي ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 11:25 دە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىدىكەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved