ھەربىي مەخپىيەتلىك باشقىلار تەرىپىدىن ئاشكارىلنىپ كەتكەچكە تۈركىيە YouTube نى تاقاشنى قارار قىلغان.
بۇ قىتىملىق ھۆكىمەت چىقارغان قارارغا تۈركىيە دۆلەت ئىچىدىكى خەلق ئارىسىدا قارشىلىق بارغانسىرى كۈچەيگەن .ئامرىكا پىيوۋ شىركىتىنىڭ خەلق ئارىسىدا تەكشۈرىشىچە تۈركىيە خەلقىنىڭ تورغا چىقىشى ناھايىتى ئوموملاشقان بولۇپ،ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارى خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىشى مۇمكىن ئىكەن.
ھەتتا تورلاردا ‹يامان بولسا توكنى ئۈزىۋەتسۇن،بىز قەدىمىي زامانغا كىتەيلى›دەپ نارازىلىق كۆرسەتكەن.بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە ،ئەردوغان قەستەن جەمىئەت ئاخباراتىغا ئارلىشىپ،ھۆكۈمەتكە نارازى ئاۋازلارنى توسماقچىكەن.
ئەردوغان ھۆكىمىتى تارىختىكى ئەڭ خەتەرلىك ۋاقىتقا دۇچ كەلدى.يىقىندىلا نۇرغۇن ئالىي ئەمەلدارلار پارىخورلۇققا چىتىلىپ قىلىپ ئىستىپا بەردى،بۇنىڭ تىغ ئۇچى ئۇدۇللا ئەردوغانغا قارىتىلدى،گەرچە ئۇ ئىزچىل ئىنكار قىلغان بولسىمۇ،لىكىن بۇ چوڭ تەسىرنى ئۆزگەرتىش تەس،ھەتتا سىياسى سەھنىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭدىن يىراقلاشتى.
بۇنىڭ بىلان تەڭلا تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى داۋالغۇش ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ،ئامرىكا سىرتقى ئالاقە ئەمەلدارى باكەي ،ئەردوغان ۋە ھەققانىيلىك، تەرەققىيات پارتئىيىسىنىڭ نامى بىراقلا چۈشۈپ كەتتى،بۇ شىمالىي ئامرىكا ۋە پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن بىر قىيىن مەسىلە بوپ قالدى دىدى.
تۈركىيە مۇشۇ ئاينىڭ 30-كۈنى سايلام ئۆتكۈزگەچكە،بۇ قىتىملىق سايلام ئەردوغانغا نىسبەتەن بىر چوڭ سىناق بوپ قالدى.ئوتتۇرا غەرب ئاخباراتلىرى تەھلىل قىلىپ،يىقىنقى نەچچە ئاي ئىچىدە ،ئەردوغانغا پايدىسىز خەۋەرلەر بەك كۆپ،بەلكىم بۇ قىتىملىق سايلام ئۇنىڭغا چوڭ زەربە ئىلىپ كىلىدۇ دىدى.
يەنە بەزىلەر،تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە ھەققانىيلىقنىڭ ئورنىنى ئالغان تەرەققىيات ئوڭچىل پارتىيسى يوق،بۇ ئەردوغانغا پايدىلىق دىدى.
لىكىن ئەردوغانغا ئەڭ پايدىسىز بولىۋاتقىنى تۈركىيەلىك ياشلارنىڭ ئۇنىڭغا ئۆچ بوپ قىلىشى ئىكەن،لىكىن ياشلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۇنىڭ پولات قوللىغۇچىلىرى ئىكەن.ھازىر بۇ سايلام مۇنازىرە ئوبىكتى بوپ قالماقتا.
خەلق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved