– 1959 ● يىل 9 – ئاينىڭ 13 –
كۈنىدىن 10 – ئاينىڭ 3 – كۈنىگىچە، تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ
ۋەكىللەر كوماندىسى 21 مۇسابىقە تۈرىگە
قاتنىشىپ، تۆت ئالتۇن مېدال، تۆت كۈمۈش مېدال، ئون مىس مېدالغا ئېرىشتى.
– 1965●يىل 9 – ئاينىڭ 11 –
كۈنىدىن 28 – كۈنىگىچە، 2 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسى 15
مۇسابىقە تۈرىگە قاتنىشىپ، تۆت ئالتۇن
مېدال، يەتتە كۈمۈش مېدال، ئىككى مىس مېدالغا ئېرىشتى. شىنجاڭلىق شىتانكا كۆتۈرۈش ماھىرى چيەن يۈكەي شىتانكا كۆتۈرۈش تۈرىنىڭ
يېنىك دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە
ئومۇمىي نەتىجە بويىچە مەملىكەت رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
–1975 ● يىل 9 – ئاينىڭ 12 –
كۈنىدىن 28 – كۈنىگىچە، 3 – نۆۋتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسى 15
مۇسابىقە تۈرىگە قاتنىشىپ، بىر ئالتۇن
مېدال، ئۈچ كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.
–1979 ●يىل 9 – ئاينىڭ 15 –
كۈنىدىن 30 – كۈنىگىچە، 4 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسى 17
مۇسابىقە تۈرىگە قاتنىشىپ، 15 ئالتۇن
مېدال، توققۇز كۈمۈش مېدال، ئۈچ مىس مېدالغا ئېرىشتى.
– 1983 ● يىل 9 – ئاينىڭ 18 –
كۈنىدىن 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە، 5 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ۋەكىللەر
كوماندىسى سەككىز تۈر بويىچە ھەل قىلغۇچ
مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، بەش ئالتۇن مېدال، بەش كۈمۈش مېدال، سەككىز مىس مېدالغا ئېرىشتى.
– 1987 ●يىل 11 – ئاينىڭ 20 –
كۈنىدىن 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنىگىچە، 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ
ۋەكىللەر كوماندىسى 10 مۇسابىقە تۈرى بويىچە
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، تۆت كۈمۈش مېدال، تۆت مىس مېدالغا ئېرىشتى.
– 1993● يىل 8 – ۋە 9 –
ئايدا، 7 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى بېيجىڭ، چېڭدۇ ۋە چىنخۇاڭداۋدا ئۆتكۈزۈلدى.
شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسى 12 تۈر بويىچە ھەل قىلغۇچ
مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئالتە ئالتۇن مېدال، ئۈچ كۈمۈش
مېدال، توققۇز مىس مېدالغا ئېرىشتى.
– 1997 ●يىل 10 – ئاينىڭ 12 –
كۈنىدىن 24 – كۈنىگىچە، 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ۋەكىللەر
كوماندىسى 12 چوڭ تۈر، 99 كىچىك تۈر بويىچە
مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئىككى ئالتۇن مېدال، ئىككى كۈمۈش مېدال، ئىككى مىس مېدالغا ئېرىشتى. بۇ، شىنجاڭ ۋەكىللەر
كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە تۈرلىرىگە ئەڭ كۆپ قاتنىشىشى
ئىدى.
– 2001 ●يىل 11 – ئاينىڭ 11 –
كۈنىدىن 25 – كۈنىگىچە، 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ 278 كىشىدىن
تەركىب تاپقان ۋەكىللەر كوماندىسى
تەشكىللەپ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئىككى ئالتۇن مېدال، بەش كۈمۈش مېدال، ئىككى مىس مېدالغا ئېرىشتى.
- 2005 ● يىل 10 – ئاينىڭ 12 –
كۈنىدىن 23 – كۈنىگىچە، 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى نەنجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ۋەكىللەر
كوماندىسى 19 چوڭ تۈر، 75 كىچىك تۈر بويىچە ھەل
قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئىككى ئالتۇن مېدال، ئۈچ كۈمۈش مېدال، يەتتە مىس مېدالغا ئېرىشتى.
– 2009 ● يىل 10 – ئاينىڭ 16 –
كۈنىدىن 28 – كۈنىگىچە، 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جىنەندە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسى
13 مىللەتتىن تەركىب تاپقان 433
تەنھەرىكەتچىنى 22 چوڭ تۈر، 159 كىچىك تۈر بويىچە مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved