بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بۇيىچە ئالاھىدە ئەلچىسى دېمىستۇرا 3- فىۋرال كەچتە يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۇرىيە مەسىلىسى جەنۋە سۆھبىتىنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى، سۆھبەتنىڭ 2- ئاينىڭ 25- كۈنى قايتا باشلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
دېمۇسترا شۇ كۈنى كەچتە ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: سۆھبەتنى ۋاقتىنچە توختىتىشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى، سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرىدىن ئىبارەت ھەر ئىككى تەرەپ يەنە نۇرغۇن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىشى كېرەك، بۇ ھەرگىزمۇ تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزىۋاتقان ھەر ئىككى تەرەپ مەسىلىنى سىياسى يول بىلەن ھەل قىلىشنى خالايدۇ.
بۇ قېتىمقى سۇرىيە مەسىلىسى بۇيىچە جەنۋە سۆھبىتىنى ئەسلىدە 1- ئاينىڭ 25- كۈنى ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان، كېيىن يىغىن 1- ئاينىڭ 29- كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەن. 2- ئاينىڭ 1- كۈنى دېمىستۇرا سۇرىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى گۇرھنىڭ ۋەكىلى بىلەن رەسمىي يۇسۇندا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۇرىيە مەسىلىسى جەنۋە سۆھبىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved