گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەندىكى ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىگە نەزەر

     2015-يىلى، ياساش كەسپى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۇڭگۇەن شەھىرىدە يەنە بىر قېتىملىق ساختا مەھسۇلاتلارغا زەربە بېرىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. ھازىرغا قەدەر، جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئەقلىي-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز يەتكۈزۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن دېلودىن 150 گە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى باشلىغان بولۇپ، 175 ئادەمنى قولغا ئالغان شۇنداقلا يەنە ئۇمۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 240 مىليون يۈەن كېلىدىغان ساختا مەھسۇلاتنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن. دېلو تەكشۈرۈش جەريانىدا، ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش زەنجىرىدىكى ناھايىتى مۇھىم  ئارىلىقتىكى بېكەت بولغان-ئىجارە ئۆيلەر  ئۆزلۈكسىز ھالدا كىشىلەرنىڭ ئىجارە ئۆيلەرگە قارىتا بولغان تونۇش چۈشەنچىسىنى يېڭىلىغانىدى. ئەينى يىللىرى، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىشلەمچىلەر ‹ دۇنيانىڭ زاۋۇتى› دەپ ئاتالغان دۇڭگۇەن شەھىرىگە ئۆز ئۈمىدىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، ئەرزان باھالىق ئىجارە ئۆيلەر بۇ ئىشلەمچىلەر ئۈچۈن بوران-چاپقۇندىن ساقلىنىدىغان پاناھ ماكان بولۇپ قالغانىدى. لېكىن ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئالاقىدار ياساش تېخنىكىسىنى پۇختا ئىگەللەپ بولغان بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار دەل مۇشۇ ئىجارە ئۆيلەرنى ئۆزىگە قالپاق قىلىپ تۇرۇپ ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ يەردىكى ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى شۇنداقلا ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش زەنجىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە پىشىپ يېتىلگەن بولۇشى ھەقىقەتەن ئادەمنى قاتتىق ھەيران قالدۇراتتى.

    دۇڭگۇەن تەرەپنىڭ سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇڭگۇەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن  ئامانلىق ساقلاش جىنايى دېلولىرىنىڭ %90 پۈتۈنلەي مۇشۇ خىل ئىجارە ئۆيلەر بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا %90 ئوت ئاپىتى ۋەقەلىرىمۇ دەل مۇشۇ خىل ئىجارە ئۆيلەر شۇنداقلا ئۈچ خىل كىچىك سورۇن (يەنە كىچىك تىپتىكى ئاشخانا، كىچىك تىپتىكى ياساش دۇكىنى، كىچىك تىپتىكى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى) قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان. بۇ يەردىكى يوشۇرۇن ئىجارە ئۆيلەرنىڭ ئىجارە ھەققى ناھايىتى ئەرزان بولۇپ، بۇ ئەرزان باھالىق ئىجارە ئۆيلەردە ياساش كەسپى تېخنىكىسىنى پۇختا ئىگەللىگەن ئىشلەمچىلەر تۇراتتى. شۇڭلاشقا ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش كەسپىنىڭ دۇڭگۇەندىكى ئىجارە ئۆيلەردە كۈنسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنى پەرەز قىلىشمۇ ئۇنچە تەس ئەمەس ئىدى.

     جەنۇب مەركىزىي گېزىتىنىڭ مۇخبىرى بۇ دېلولارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ساختا مەھسۇلات ياساش ۋە ساختا مەھسۇلات سېتىش يوللىرى ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن مەھسۇلات تىپىنىڭ دۇڭگۇەن شەھىرىنىڭ ھەر قايسى بازار ۋە كوچىلىرىدىكى كەسپ قۇرۇلمىسى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، دۇڭگۇەن شەھىرىدە ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىغانلىكى ھەر خىل مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى يۇقارقى ئىجارە ئۆيلەردىمۇ تەقلىد قىلىپ ياساپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. يۇقارقى رەسىم بولسا، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەن،قاينام تاشقىنلىققا تولغان خوۋجىيې كوچىسىدىكى خېتىيەن كۆن- خۇرۇم ئاياغ ماتىرىياللىرى سودا كوچىسى، بۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىلغان نۇرغۇنلىغان ئاياغلار ئەمەلىيەتتە تەقلىد قىلىنغان ساختا مەھسۇلاتلار بولۇپ، بۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاياغلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ماركا ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىگەن مەھسۇلاتلاردىن ئىدى.

    ساختا مەھسۇلاتلارغا زەربە بېرىش جەريانىدا، خوۋجىيې كوچىسىدا بايقالغان ساختا ئاياغ دېلولىرىنىڭ سانى كۆپ بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەككە دېلو كۆلىمىنىڭ زورلىقىمۇ كىشىلەرنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان. بۇ يىل 11-ئايدا، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باشچىلىقىدا پاش قىلىنغان ‹29-ئىيۇن› خوۋجىيې كوچىسى ساختا ئاياغ دېلوسى دەل مۇش خىل دېلولارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ساقچى تەرەپ خوۋجىيې كوچىسىدىكى بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ باشچىلىقىدا ئىجارە ئېلىنغان ئۆيدە ساختا N B ئايىغىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش دېلوسىدا، ساختا داڭلىق ماركىلىق ئاياغدىن جەمئىي 45 مىڭدىن ئارتۇقىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن، بۇ دېلودا قولغا چۈشۈرۈلگەن ساختا مەھسۇلاتلارنىڭ چېتىشلىق سوممىسى تەخمىنەن 59 مىليون 890 مىڭ يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇ دېلو خوۋجىيې كوچىسىدا تارىختىن بۇيان بايقالغان ئەڭ زور ساختا ئاياغ دېلوسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

    نەچچە كۈن ئىلگىرى، جەنۇب مەركىزىي شەھەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى دۇڭگۇەن شەھىرى لىياۋشادىكى كوچا-كويلارنى ئارىلاپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا، بۇ يەردىكى ھەممىلا ئىجارە ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك ‹تاشقى سودا ماللىرى›، ‹بېسىلىپ قالغان مال› دېگەندەك ئېلان تاختىسىنىڭ ئېسىلغانلىقىنى بايقىغان. ئاچىياڭ كۈلگەن ھالدا، بۇ يەردە سېتىلىدىغان ‹تاشقى سودا ماللىرى› ھەرگىزمۇ ئەينى يىللاردىكىگە ئوخشاش بېسىلىپ قالغان ھەقىقىي تاشقى سودا مېلى بولماستىن بەلكى شۇ جايدىكى ئىجارە ئۆيلەردە ياكى كىچىك زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان ساختا تاۋارلار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. بۇرۇنقى چاغلاردا، دۇڭگۇەن شەھىرىدە پەقەت چوڭ كوچا بويىغا جايلاشقان ئۆيلەردىلا مۇشۇ خىلدىكى تاشقى سودا ماللىرى سودىسى ئېلىپ بېرىلغان بولسا، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بۇ يەردىكى چوڭ-كىچىك كوچىلارنىڭ ھەممىلا يېرى ‹تاشقى سودا ئاياغلىرى› بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى.

    ساختا مەھسۇلاتلارغا زەربە بېرىش ھەركىتى قانات يايدۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، چىيەن چىيەن بىلەن دوستى بىرلىشىپ بىر قىسىم سودا سارايلىرىنىڭ مەخسۇس سېتىش پوكەيلىرىدە ساختا مەھسۇلاتلارنى ساتقانىدى، لېكىن ھازىر ئۇلار سودىسىنى تورغا يۆتكىگەنىدى.



خەتكۈچلەر:
29-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
   قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالد...
06-02-2016
     دائىم سېغىز چايناپ بەرگەندە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر سېغىز چايناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.    1....
05-02-2016
      CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى (بولۇپمۇ شىكەر) شىددەتلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل يىل بېشىدا دۇنيا ئاشلىق باھاسى يېقىنقى يەتتە يىلدىكى تۆۋ...
05-02-2016
       كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر يېمەكلىكلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا ئوراپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا ئىشلىتىلىدىغان باسما مېيى نۇرغۇنلىغان خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىس...
04-02-2016
     يېقىندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەرلىكنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالاش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 1997-يىلىدىكى 19 پىرسەنتتىن ھازىرقى 98.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، چەت، يىر...
01-02-2016
1. پىياز يەر بىلەن بىۋاسىتە تېگىشمەسلىكى، چوقۇم تاختا ياكى پاخال قويۇش كېرەك. 2. ئەگەر پىياز تەبىئىي قۇرۇسا، تاشقى پوستى پارقىراق، داغ ئاز بولىدۇ، ئىسكىلاتتا ساقلىغاندا بىر دۆۋە بىلەن يەنە بىر دۆۋە، بىر خالتا بىلەن يەنە بىر خالتا ئ...
30-01-2016
ئىسمى:ئېمۇ قۇشى  مەلھىمى تىپى: تېرە سىلىقلاش ئاقارتىش مەلھىمى ئىشلەپچىقىرىلغان رايون : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ھالىتى ۋە تەركىبى  : ئاق رەڭلىك مەلھەم ، ئۆزگىچە پۇراقلىق . تەركىبى ئېمۇ قۇشى مېيى ، ۋىتامىن E ۋە ئىئ...
29-01-2016
ئىسمى:panadol تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى مىقدارى:20ml ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
29-01-2016
         تەييار چۆپنىڭ قانچە خىل يېيىش ئۇسۇلى بار؟  بىرخىل، ئىككى خىل، جىق بولغاندا ئۇچ خىل بولا. ياق، ياق، تايلاندلىقلار تەييار چۆپ يېيىشنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئىشەنمەمسىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈڭ...
27-01-2016
ئىسمى:MACA تىپى:بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى مىقدارى:100تال ساقلاش مۇددىتى:36ئاي ئىشلەنگەن دۆلەت : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ماس كېلىش ئوبيېكتى : مەزكۇر مەھسۇلات ئاۋسترالىيەنىڭ بۇلغانمىغان تەبىئىي ھالەتتى...
Powered by Leglek