شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 19-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 19-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا، ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلگەن فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىيۇس بىلەن سۆھبەتلەشتى.
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يىل 3-ئايدا فىرانسىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، جۇڭگو-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، فىرانسىيە-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ مول مەزمۇنلۇق بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. كېيىنكى باسقۇچتا، جۇڭگو-فىرانسىيە يۇقىرى قاتلاملار ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئېنېرگىيە، ئاۋىياتسىيە، پۇل مۇئامىلە، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇشى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.
فابىيۇس مۇنداق دېدى: فىرانسىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved