جاھان ئاگېنتلىقى 14-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سۇرىيە ھۆكۈمىتىنڭ دەمەشىقنىڭ «ئەين تەرما» رايۇنىغا قاراتقان «ۋاكۇئۇم بومبا» ھۇجۇمىدا 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 15 كىشى يارىلاندى. سۇرىيە ئارمىيىسىگە ئائىت ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى پايتەخت دەمەشىقنىڭ شەرقى گۇتا رايۇنىدىكى «ئەيىن تەرما» ئەتراپىغا «ۋاكۇئۇم بومبىسى» تاشلىغانلىقى، بۇ ھۇجۇمدا ئايال ۋە كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 15 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. رايۇندىكى دوختۇرخانا خادىملىرىدىن ئىگەللىنىشچە، ئارمىيەگە تەۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانى شەرقى گۇتادىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللىقىدىكى ئەين تەرما رايۇنىغا بومبا تاشلىغان. رايۇندىكى پائالىيەتچىلەردىن مۇھەممەد ئالا، «ھاۋا ھۇجۇمىدا رايۇندىكى بەزى ئۆيلەردە زور زىيان كۆرۈلدى، يەرلىك مۇداپىئە ئەترەتلىرى نۇرغۇن ئۆلۈكلەرنى ۋە يارىدارلارنى يۆتكىدى» دېدى. ھۆكۈمەت ئارمىيسى ئايرۇپىلانلىرى جوبار، ئەين تەرما ۋە دۇما رايۇنلىرىغا پات-پات ھاۋا ھۇجۇمى قوزغايدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved