يەرشارى تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى: تەيۋەن "يۈكسىلىش گېزىتى" ئىنگىلىزچە نۇسخىسى 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىكى خەۋىرىدىن كۆرە، جۇڭگو 2014 – يىلىنىڭ كېيىنكى يىرىمىدا ئامېرىكىدىن ئېشىپ، دۇنيادىكى 1 – چوڭ 4G ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن بازىرى دۆلىتىگە ئايلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
تەكشۈرۈش ئورگېنى Counerpoint Researc نىڭ سىتاستېكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2013 – يىلى 12 – ئايدىن باشلاپ جۇڭگودا رەسمىي شەكىللىنىشكە باشلىغان 4G لىق ئەقلىي يانفۇن بازىرى شىددەت بىلەن كېڭىيىپ، نۆۋەتتە دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن. بۈگۈنگە كەلگەندە، جۇڭگو ئەقلىي يانفۇنلىرىنىڭ تۈرى 250 خىلدىن ئېشىپ، ئوتتۇرىچە باھاسى تەخمىنەن 1000 يۈەن بولغان. ئىگەللىنىشىچە، بۇ زور نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى ئوچۇق مەنبەلىك ئاندروئىد سېستىمىسى ۋە تەيۋەن MediaTek شىركېتىنىڭ ئەرزان باھالىق يانفۇن ئۆزىكىگە مەنسۇپ ئىكەن.
جۇڭگو بازارلىرىدىكى 4G يانفۇن ئاتامانلىرىدىن كۇپەي يانفۇنلىرى بار بولۇپ. ئۇنىڭ ئومۇمىي بازار ئىگەللەش نىسبىتى 18% ئەتىراپىدا بولغان. ئۇنىڭدىن قالسىلا سامسۇڭ يانفۇنلىرىنىڭ بازار ئىگەللەش نىسبىتى 17% ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىياۋمىي يانفۇنلىرىمۇ يېڭىدىن باش كۆتۈرمەكتە ئىكەن. يەرشارى بازار ئەھۋالى سىتاستىكىلاش شىركېتى Canalys نىڭ كۆرسېتىشىچە، شىياۋمىينىڭ ئىككىنچى پەسىللىك مال چىقىرىش مىقدارى، بازار ئومۇمىي يانفۇن مىقدارنىڭ 14% نى ئىگەللەپ، تۇنجى قېتىم سامسۇڭ يانفۇنلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. گەرچە بىر قانچە سىتاستىكا ئورگانلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا سامسۇڭ يەنىلا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، تەھلىلچىلەر بىردەك شىياۋمىي، خۇاۋېي، لىيەنشىياڭ قاتارلىق تۆۋەن، ئوتتۇرا باھالىق يانفۇنلارنىڭ ئەۋزەللىكى ئالدىدا سامسۇڭنىڭ بازار ئىگەللەش نىسبىتى يەنىمۇ تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلەشكەن
بۇلاردىن باشقا، ئالما شىركېتىمۇ جۇڭگودا يەنە بىر چوڭ مەسىلىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۈچ چوڭ كۆچمە ئالاقە تىجارەت شىركەتلىرىدىن ئالما يانفۇنلىرىغا بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ كېلەر يىلى 6 – ئايدا بازارغا سېلىنماقچى بولغان iPhone 6 نى ئالما مەستانىلىرىنى سىنايدىغان مۇھىم مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇپ قويىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved