پۈتۈن دۇنيادا 20 مىڭغا يېقىن ئادەم ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، 7588 ئادەم قازا قىلدى

ئاگېنتلىقى ، يوھاننېسبۇرگ ، 24-دېكابىر تېلېگراممىسى : دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 24-دېكابىر ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدە يامرىغان ئېبولا ۋىرۇسىدا ھازىرغا قەدەر پۈتۈن دۇنيا بويىچە جەمئىي 19 مىڭ 497 ئادەم يۇقۇملانغان بولۇپ ، ئارىدىن 7588 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان . ب د ت نىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى روژدېتسۋا ۋە يېڭى يىل بايراملىرىدا يۇقۇم رايونىدىكى كىشىلەرنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن يىغىلىش قىلغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەسكەرتتى .


ئىگىلىنىشىچە ، ئېبولا ۋىرۇسى بۇ يىل فېۋرالدا ئەڭ ئالدى بىلەن كېنىيەدە بايقىلىپ ، ئارقىدىن قوشنا دۆلەت سېررالېئون ۋە لىبىرىيەگە تارقالغان ، بۇ ئۈچ دۆلەت ھازىرغا قەدەر ئېبولا ئاپىتى ئەڭ ئېغىر يۈز بەرگەن رايون بولۇپ قالغان . سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، ھازىرغا قەدەر سېررالېئوندا بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار ئەڭ كۆپ بولۇپ ، جەمئىي 9004 ئادەم يۇقۇملىنىپ ، ئارىدىن 2582 ئادەم قازا قىلغان . بىراق ، بۇ ۋىرۇس بىلەن قازا قىلغانلار ئەڭ كۆپ دۆلەت لىبىرىيە بولۇپ ، 7862 ئادەم يۇقۇملىنىپ ، ئارىدىن 3384 ئادەم قازا قىلغان . كېنىيەدە بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ سانى يۇقىرقى ئىككى دۆلەتكە قارىغاندا سەل ئاز بولۇپ ، 2597 ئادەم يۇقۇملىنىپ ، ئارىدىن 1607 ئادەم قازا قىلغان .


يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەتتىن باشقا ، نىگېرىيەدە 20 ئادەم ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ، ئارىدىن سەككىز ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ، مالىدا سەككىز ئادەم يۇقۇملىنىپ ، ئارىدىن ئالتە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ، ئامېرىكىدا تۆت ئادەم يۇقۇملىنىپ ، ئارىدىن بىر ئادەم قازا قىلغان ، سېنېگالدا بىر ئادەم يۇقۇملانغان ، ئىسپانىيەدە بىر ئادەم يۇقۇملانغان ، بىراق ، بۇ ئىككى دۆلەتتىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەن.

 

24-دېكابىر ب د ت باش كاتىپىنىڭ لىبىرىيە ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى Landgren كۆرسىتىپ : ‹‹ بۇ يىل ئۆكتەبىردىن بۇيان لىبىرىيە ئېبولا ۋىرۇسىغا زەربە بېرىش كۈرىشىدە كۆپ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى ، لىبىرىيە ئاممىسى بۇنىڭدىن پەخىرلەنسە بولىدۇ ›› دېگەن .



خەتكۈچلەر:
27-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek