1-ئاينىڭ 26-كۈنى، خاڭجۇدىكى بىر ساياھەت رايونىدا ساياھەتچىلەرگە يىللىق مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان تەرەپ تور ئارقىلىق 10 نەپەر ساياھەت رايونى ساياھەتچىسى تاللاپ چىققان بولۇپ، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن رايوندا بىر مىنۇت ئىچىدە، قانچىلىك پۇل يىغىۋالسا شۇنچىلىك پۇل ئېلىپ كەتسە بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى. ئىگەللىنىشىچە، شۇ كۈنى نەق مەيدانغا بەش مىليون پۇل چېچىۋىتىلگەن بولۇپ، بۇ 10 نەپەر ساياھەتچى بىر ئەينەك ئۆي ئىچىدە بۇ پۇللارنى يىغىۋالىدىكەن.
بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان تەرەپنىڭ دېيىشىچە، بۇ ساياھەتچىلەرگە يىللىق مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى بولۇپ، بۇ ساياھەت رايونىنىڭ ساياھەتچىلەرگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغىنى ئىكەن. يەنە كېلىپ يېڭى يىللىق پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
رەسىمدىكىسى، ئالدىراش پۇل يىغىۋاتقان ساياھەتچىلەر ئىكەن.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved