جۇڭگو كۈندىلىك خەۋەرلەر تورى 15- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بولكا، گۈرۈچ تامىقى قاتارلىق قان قەنىت كۆرسەتكۈچى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن. تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ سانى بارغاسىېرى ئېشىشقا باشلىغان، ئەمما كاربونلۇق ئىچىملىكلەر بۇ خىل يۈزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنىڭ بىرىكەن.
مەزكۇر تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، قان قەنت كۆرسەتكۈچى بىر قەدەر يۇقىرى يېمەكلىكلەر كىشىلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرپتار بولۇش نىسبىتىنى %49 ئاشۇرىۋېتىدىكەن. ئەمما سەي-كۆكتات، مېۋە-چىۋە قاتارلىق قان قەنت كۆرسەتكۈچى بىر قەدەر تۆۋەن يېمەكلىكلەر كىشىلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.
تېكساس شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېت ئاندىرسىن كېسەللىك مەركىزىدىكى مەزكۇر تەتقىقات تۈرىگە يېتەكچىلىك قىلغان سىتىفىن مىركىن مۇنداق دېگەن: بىز تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنى سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، قان قەنت كۆرسەتكۈچى بىر قەدەر يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ %49 يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇق.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved