پاكىستان كىنوچىلىقىدىكى ئۆمۈرلۈك تۆھپىكار ___ نادىم

       ھەممىمىزگە مەلۇمكى، پاكىستاننىڭ كىنو–تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ئىپادىلىگەن مەزمۇنىنىڭ تولىمۇ تەسىرلىكلىكى، ئارتىسلىرىنىڭ يۇقىرى رول ئېلىش ماھارىتى، سەرخىل ناخشا–مۇزىكىلىرى، ئاجايىپ تاللانغان دىيالوگ-مونولوگلىرى، كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، فىلىمگە مۇجەسسەملەنگەن مەدەنىيەت–سەنئەت، ئۆرپ–ئادەت، قائىدە–يوسۇن قاتارلىق ئامىللارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن بارلىق كىنو مەستانىلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە سازاۋەردۇر.

      ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، پاكىستاننىڭ بىزنىڭ ھاياجان ئىلكىدە ياقتۇرۇپ كۆرۈشىمىزگە نائىل بولۇپ كېلىۋاتقان «مېھىر–شەپقەت»، «تاش يۈرەك»، «ئەينەك»، «سەھرادىكى ئاشىق–مەشۇقلار»، «دىل ئازابى» قاتارلىق فىلىملەر پاكىستان خەلقىنىڭ مەدەنىيەت–سەنئەت، ئۆرپ–ئادەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەچكە تا ھازىرغىچە بىزنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىمىزگە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە. مانا مۇشۇنداق بىر قاتار ئۇنتۇلغۇسىز فىلىملەردە ئەر باش پېرسۇناژنىڭ ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ، بارلىق كىنو مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە ئۆلمەس ئابىدە تىكلىگەن، پاكىستاننىڭ «ئۆمۈرلۈك تۆھپە» مۇكاپاتىغا نائىل بولغان داڭلىق ئارتىسى، بىر ئەۋلاد كىنو چولپىنى، فىلىم ئىشلىگۈچى نادىم ئۆزىنىڭ بىر تۈركۈم نادىر كىنو فىلىملىرى بىلەن پاكىستاننىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان گىگانت كىنو چولپىنى ھېسابلىنىدۇ.

     نادىم 1938–يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا ناخشا-مۇزىكىغا ھېرىسمەن چوڭ بولىدۇ. ئۇ 1975–يىلى ئىشلەنگەن «سەھرادىكى ئاشىق–مەشۇقلار»، 1978–يىلى ئىشلەنگەن «ھاياتلىق»، 1979–يىلى ئىشلەنگەن «پاكلىق»، 1982–يىلى ئىشلەنگەن «تاش يۈرەك»، «مېھىر–شەپقەت»، «يېتىم قىزنىڭ مۇھەببىتى» قاتارلىق بىر تۈركۈم تەسىرلىك فىلىملىرى بىلەن كەڭ ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلىرىگە تونۇشلۇق. بۇ فىلىملەر جۇڭگو مىقىياسىدا قويۇلغاندىن كېيىن جۇڭگو كۆرۈرمەنلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە سازاۋەر بولغان. نادىم بۇ فىلىملەردە ئەر باش پېرسۇناژنىڭ ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يارىتىپ، كەڭ كىنو مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىن ھۆرمەتلىك ئورۇن ئالغان.

     نادىم گەرچە داڭلىق كىنو ئارتىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كىنوچىلىق ساھەسىگە ساھەسىگە بىر ناخشىچى سالاھىيىتى بىلەن كىرگەن. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ئۇ نۇرغۇن قېتىم ئەينى يىللاردا پاكىستاندا خېلى تەسىرى بار «ئىسلام كۇلۇبى» ئۇيۇشتۇرغان ناخشا مۇسابىقىسىگە قاتناشقان (ئەسكەرتىش: ئىسلام كۇلۇبى ئەينى ۋاقىتتىكى سەنئەت جەھەتتە تالانتى بارلارنى بايقاپ چىقىدىغان قىممەتلىك سورۇن بولۇپ، نۇرغۇن كىنو چولپانلىرى، ناخشا چولپانلىرى، فىلىم ئىشلىگۈچىلەر مۇشۇ كۇلۇبتىن بايقىلىپ چىققان). بىر قېتىملىق ناخشا مۇسابىقىسىدە، بارلىق شارائىتلىرى ئىنتايىن ياخشى، داڭلىق ئايال ناخشىچى فىردوۋسىنىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشىدۇ. ئۇ، بۇ ئايال ناخشىچىنىڭ ياردىمى بىلەن ئوردو تىلىدىكى فىلىم «Sehra»نىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى ئېيتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىق شۇكى، نادىم ناخشىسىنى ئېيتقان بۇ فىلىم مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قويۇلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنىڭ مۇڭلۇق ناخشىلىرىدىن بەھر ئالالمايدۇ. نادىممۇ كىنولاردا ناخشا ئېيتىپ نام چىقىرىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ.

      بىراق نادىم بۇنىڭدىن قەتئىي ئۈمىدسىزلەنمەي داۋاملىق ناخشا مەشىق قىلىپ، ھەرخىل چوڭ–كىچىك پائالىيەتلەردە ناخشا ئېيتىپ ئۆزىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ ماڭىدۇ. ئۇ ھامان بىر كۈنى ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ۋە پۇرسەتنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. دەرۋەقە 1967–يىلى نادىمغا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت كېلىدۇ. ئۇ، بۇ قېتىم شۇ يىلى سۈرەتكە ئېلىنىدىغان «كەكلىك» دېگەن فىلىمنىڭ ناخشىسىنى ئېيتىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. بۇ بىر تەننەرخى ئىنتايىن تۆۋەن، رەڭسىز فىلىم بولۇپ، فىلىم رېژىسسورى ئېھتىشام ئەسلىدە بۇ فىلىمگە پاكىستاننىڭ شۇ يىللاردىكى داڭلىق ئارتىسلىرىدىن شابانا بىلەن ئەزىم ئىككەيلەننى رول ئېلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغانىدى. كۈتۈلمىگەندە ئەر ئارتىس ئەزىم ھەقنى بەك ئاز كۆرۈپ، رولغا چىقىشنى رەت قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئېھتىشام بۇ فىلىمدە ناخشا ئېيتماقچى بولغان نادىمنى خىيالىغا كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رېژىسسور نادىمنى بۇ فىلىمدىكى ئەر باش پېرسۇناژنىڭ رولىنى ئالغۇزماقچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نادىم بۇ فىلىمنىڭ ئەر باش پېرسۇناژى بولۇپ قالىدۇ. نادىم تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ پۇرسەتتىن قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ، بىراق بۇ ئۇنىڭ تۇنجى ئېكران ھاياتى بولغاچقا ئۆزىگە بولغان بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئۆزى ياراتماقچى بولغان ئوبرازنى بېرىلىپ تەھلىل قىلىدۇ ھەم جاپالىق مەشىق قىلىدۇ. ئۇ رېژىسسورنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلىشى بىلەن، كىنونىڭ سۈرەتكە ئېلىنىش جەريانلىرىنى پىششىق ئىگىلىۋالىدۇ. قىسقىغىنە بىر نەچچە ئايدىلا ئۇ ئۆزىگە خاس رول ئېلىش، ئوبراز يارىتىش ئۇسلۇبىنى يارىتىدۇ. بۇ فىلىم پاكىستاندىكى ھەر قايسى كىنوخانىلاردا قويۇلغاندىن كېيىن زور زىلزىلە قوزغاپ، كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. نادىم بۇ فىلىمدە بىراقلا نام چىقارغاندىن كېيىن پاكىستان كىنوچىلىقىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات «نىگار» ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس مۇكاتىغا ئېرىشىدۇ.

     شۇنىڭدىن كېيىن نادىم بىر يورۇق يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ قاملاشقان قەددى قامىتى، رومانتىك خاراكتېرى، سەمىمىي ئوبرازى، ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە رول ئېلىش ئۇسلۇبى ئۇنى <<لوللىۋود>> (ئەسكەرتىش: لوللىۋود پاكىستاننىڭ كىنو سانائىتى بازىسى بولۇپ، ئەينى چاغدا ھىندىستاننىڭ بوللىۋود، ئامېرىكىنىڭ ۋوللىۋۇد قاتارلىقلار بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇراتتى)نىڭ ئەر چولپانلىرى ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر، ئەڭ ئالقىشلانغان گىگانت چولپانغا ئايلىنىدۇ. 1970–يىلى نادىم «شام ۋە پەرۋانە» ناملىق باش رول ئالىدۇ. بۇ فىلىم نادىمنىڭ كىنوچىلىق ھاياتىدىكى بىر يۇقىرى پەللە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پاكىستاننىڭ بىر جۈپ ئاشىق–مەشۇق ئۇسلۇبىدىكى فىلىملەردە «ئېكراندىكى ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىلار» — يەنى «نادىم-شەبنەم»دىن ئىبارەت بىر داڭلىق چولپاننى مەيدانغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. 70–يىللاردا ئۇ ئىككىيلەن كىشىنى تەسرلەندۈرىدىغان نۇرغۇن فىلىملەردە ھەمكارلىشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 1977–يىلى ئىشلەنگەن «ئەينەك» ناملىق فىلىم بىلەن 1979–يىلى ئىشلەنگەن «پاكلىق» ناملىق فىلىملەر ئەڭ داڭلىق. بۇ ئىككى فىلىم ئارقىلىق نادىم بىلەن شەبنەم «نىگار» ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس ۋە «نىگار» ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، نادىمنىڭ ئېكراندىكى ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىسى ھەممىزگە تونۇشلۇق بولغان پاكىستاننىڭ «مەڭگۈلۈك مۇھەببەت» ناملىق فىلىمىدە رول ئالغان ئايال باش پېرسۇناژ بابرا شەرىف بولىدۇ. 1974–يىلى بابرا شەرىف نادىم بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر تۈركۈم نادىر فىلىملەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك رولغا چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان «ھاياتلىق»، «تاش يۈرەك»، «مېھىر–شەپقەت» قاتارلىق فىلىملەر ئالاھىدە تىلغا ئېلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

     نادىمنى بىر «مۇكاپاتقا نائىل بولغۇچى كەسىپكار» دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ 1967–يىلى تۇنجى قېتىم «نىگار» ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا نائىل بولغاندىن تارتىپ 1992–يىلىغىچە جەمئىي 19 قېتىم «نىگار» ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ۋە تۆت قېتىم پاكىستان دۆلەتلىك كىنو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 70–يىللاردىن 80–يىللارغىچە نادىم پاكىستان كىنوچىلىق ساھەسىدە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر سەركە چولپانغا ئايلانغان بولۇپ، بۇ مەزگىللەردە ھەر يىلى دېگۈدەك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ تۇرغان. نادىمنىڭ پاكىستاننىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن 1991–يىلى پاكىستان زۇڭتۇڭىنىڭ «خاتىرە مۇكاپاتى»غا ئېرىشىكەن.

     نادىم ئۆزىنىڭ پۈتۈن ياشلىق باھارىنى، ئەقىل–پاراسىتى ۋە زېھنىي قۇۋۋىتىنى پاكىستاننىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلاپ، بۇ ساھەدە كىشى پەخىرلەنگۈدەك نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. كېيىن نادىم تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارتىسى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى بولۇش يولىغا ماڭغان بولۇپ، 1988–يىلى ئۇ يەنە «ئەڭ ياخشى فىلىم ئىشلىگۈچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئۇ كىنو ساھەسىگە كىرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى قىزىقىشى ناخشىنى تاشلاپ قويغىنى يوق. ئۇ ھاياتىدا يەنە نۇرغۇن ناخشىلارنى ئورۇنلاپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.

     نادىم ھازىر چاچلىرى ئاقارغان بىر مۆتىۋەرگە ئايلاندى. ئۇنىڭ پاكىستاننىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. 2000–يىلى ئۇ يەنە «ئۆمۈرلۈك تۆھپە مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.

   (بۇ ماقالە <<شىنجاڭ سەنئىتى>> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان)



خەتكۈچلەر:
30-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
04-05-2016
    شياڭگاڭ شەرق تورىنىڭ 5- ئاينىڭ 3- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئەدىلىيە مىنىستىرلىكى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستان ئاياللىرىغا توي خېتىنىڭ قۇشۇمچە نۇسخىسى تارقى...
03-05-2016
    ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە 30 – ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ...
03-05-2016
    1-ماي كۈنى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى، لېكىن بۇ كۈنى قىسمەن ئەمگەكچىلەر يەنىلا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جان-پىدالىق بىلەن ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق بايرام ئۆتكۈزدى.
03-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 2-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكىلىق قىز شىس لاسىننىڭ ئېرۇسالېمدىكى قەدىمىي شەھەردە ئارقاندىن ماڭغان ۋىدىيوسى تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. شىس لاسىن يەر يۈزىد...
03-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنى ئەنگىلىيە شاھزادىسى ۋىلىيام ئەر-ئايال كېنسىڭتون سارىيى (Kensington Palace) دا كەچلىك زىياپەت چاقىرىپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەر-ئايالنى كۈتىۋالدى....
03-05-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، بىر ئەر تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنى پارتلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە سۆھبەتلەشكۈچىلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغان، ئاخىرىدا ئۇ ساقچىلار ئاتقان ئوق تېگىپ...
03-05-2016
    ئامېرىكا خەنزۇچە تورىنىڭ CBS نىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بوستوندىكى مېدفوردتا جۇڭگولۇقلارنىڭ پۇشتىدىن بولغان چېن جى ئىسىملىك ئامېرىكىلىق ئەرگە لاتارىيە بېلىتىنىڭ ئامەت قۇشى قونغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەلىي...
03-05-2016
     ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەدىكى سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئالدامچى كاززاپ پاۋىل بىنېت 15 يېشىدىن باشلاپلا قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، 25 يىلغىچە ھەرخىل ساختا تون...
02-05-2016
    29 - ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇ يىللىق خىزمەتل...
02-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھوللىۋودتنىڭ داڭلىق ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنى سىلۋەستېر سىتەيلون تۇنجى قېتىم كىچىك ئېكرانغا يۈرۈش قىلىدىكەن. تاراتقۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىتەيلون ھازىر  مارىيا پزونىڭ ئەسىرىگە ئا...
Powered by Leglek