ھىدنىك مورىنھو بىلەن بىرگە تاكتىكا ۋە سەپ شەكلى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى

     چېلسى ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا بىرلەشمىدە 3-1 نەتىجىدە ساندىرلەنىدنى مەغلۇپ قىلدى، يېڭى ترېنېر ھىدنىك سىتەنفورد كۆۋرۈكى نەق مەيدانىدا بۇ مەيدان مۇسابىقىنى كۆردى. «قۇياش گېزىتى» نىڭ ئاشكارلىشىچە، ھىدنىك ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن كۆك قوشۇننىڭ سابىق ترېنېرى مورىنھو بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇ مورىنھودىن نۆۋەتتىكى چېلسىنىڭ تېخىمۇ كۆپلىگەن ئەھۋالىنى چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلغان.


    ھىدنىك ئىلگىرى 2009-يىلى 2-ئايدا چېلسىنىڭ ۋاقىتلىق ترېنېرى بولغان، ئۇ شۇندىن كېيىنكى يېرىم پەسىلدە كوماندىنى يىتەكلەپ ھەممە بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن ھەمدە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا، نۆۋەتتە چېلسىدا پەقەت تېررى، ئىۋانوۋىچ، مىكېل ئۈچلا كونا توپچى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۈچ نەپەر توپچىنىڭ مۇشۇ پەسىلدىكى ئىپادىسى ئانچە ياخشى ئەمەس، ھىدنىك تېخىمۇ كۆپلىگەن توپچىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشكە مۇھتاج.

«قۇياش گېزىتى» ھىدنىك مورىنھونى لوندون بېركىلېي مېھمانخانىسىغا تەكلىپ قىلىپ بىللە غىزالاندى، ئىككىسى كۆك قوشۇننىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى، مورىنھومۇ قىلچىمۇ يوشۇرماي كوماندىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ھىدنىكقا تونۇشتۇردى دەپ خەۋەر قىلدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ھىدنىكنىڭ چېلسىنى يىتەكلىشىگە ياردىمى بولىدۇ، ھەم مورىنھونىڭ كۆك قوشۇنغا كۆرسەتكەن ئەڭ ئاخىرقى تۆھپىسى دېيىشكە بولىدۇ.

    تۇنجى قېتىم چېلسىنى قۇتقۇزغان ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا، نۆۋەتتە ھىدنىك دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق تېخىمۇ چوڭ. 2009-يىلى ئۇ چېلسىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندا رەت-تەرتىپتە تۆتىنچى ئورۇندا ئىدى، ھازىر چېلسىنىڭ دەرىجە چۈشۈش رايونى بىلەن بولغان پەرقى پەقەت ئۈچ نومۇر، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق سالاھىيىتى رايونىدىن 11 نومۇر پەرق بار، بۇ قېتىم ھىدنىكنىڭ مۆجىزە يارىتىشى تېخىمۇ تەس. بەلكىم ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، كېيىنكى قەدەمدە كوماندىنى يىتەكلەپ لوڭقا مۇسابىقىسىنى ياخشى ئويناش تېخىمۇ رىئال تاللاش بولىشى مۇمكىن.

ئەلۋەتتە، بۇ خىل ئىككى ترېنېر ئارىسىدىكى دوستانە سۆھبەت پەقەت ھىدنىك ۋە مورىنھوغىلا خاس ئەمەس، كلوپ 10-ئايدا روجىستىن لىۋېرپولنى ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن، ئىككىسىمۇ ئايرىم سۆھبەتلەشكەن. مەيلى قانداقلا بولسۇن كەسىپداش، پەقەت ئۆز ئارا زىددىيەت بولمىسىلا، ئۇنداقتا يېڭى ترېنېرنىڭ كونا ترېنېردىن مەسلىھەت ئېلىپ كوماندىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللىشى نورمال ئەھۋال.



خەتكۈچلەر:
21-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
26-05-2016
 ما يۈن بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر، باشقىسىنى دېمەيلا تۇرايلى، پەقەت ئۇنىڭ چەت ئەللىك دوست ئەربابلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت...
26-05-2016
جۇرۇڭفا 80-يىللارنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تىپىك روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى، ئۇ شەرق ئەرلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھەقىقىي نامايەن قىلدى. ئۇ 42 يىللىق كەسپى ھاياتىدا كۆپلىگەن ئوبرازلارنى يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەل...
25-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 24-ماي، دۇنيا بوكس پادىشاھى تايسىن IBF جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىقى ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېيجىڭنىڭ خۇەيرۇ تەۋەسىدىكى مۇتيەنيۇ سەددىچىن سېپىلىدا نامايان بولدى. بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن مايكىل تايسىننىڭ ساقاللىر...
25-05-2016
    2016-يىلى 23-ماي، 24-ماي ۋە 26-ماي كەچ سائەت ئالتىدىن سەككىزگىچە، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مېڭە ۋە روھىي كېسەللەر تەتقىقات مەركىزىدە دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت بىلگە ئۈرۈمچى شەھىر...
Powered by Leglek