بەزى كەسپىي تىلەمچىلەرنىڭ يىللىق كىرىمى 300 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن

      15- دېكابىر ئېچىلغان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇخەي رايونىنىڭ سەرگەردان ۋە تىلەمچىلەرنى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش، باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا، جۇخەي شەھىرى شياڭجۇ رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۆپ ساندىكى كەسپىي تىلەمچىنىڭ كۈندىلۈك كىرىمى ئاز بولغاندا 200 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە، كۆپ بولغاندا 1000 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ «يىللىق كىرىمى» ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 300 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تېخى «تۇلپار» ماركىلىق ئاپتوموبىل ھەيدەيدىكەن. بۇ ئۇچۇر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، تورداشلار كەسپىي تىلەمچىلەرنىڭ قىلمىشى ئالدامچىلىققا كىرەمدۇ؟ دەپ سوراشقان.

مۇخبىرنىڭ كۆزىتىشىچە، كۆپ ساندىكى تورداش كەسپىي تىلەمچىلەر باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاپ، ياردەمگە ھەقىقىي ئېھتىياجلىقلارنىڭ ھەققىنى ئېلىۋالىدۇ، بۇ بىر خىل بايلىق ئىسراپچىلىقى، دەپ قارىغان.

    بىر تورداش مۇنداق دېدى: «ھازىر كوچىدا كەسپىي تىلەمچىلەر ناھايىتى كۆپ، ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇلارنى ئاسانلىقچە پەرقلەندۈرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ياردەمگە ھەقىقىي ئېھتىياجلىق كىشىلەر ياردەمسىز قېلىۋاتىدۇ».

    مۇخبىر تورداشلارنىڭ: «كەسپىي تىلەمچىلەرنىڭ قىلمىشى ئالدامچىلىققا ياتامدۇ؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ماتېرىياللارنى ئاختۇرۇپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇندا قانۇنسىز تىلەمچىلىك قىلىشنى چەكلەش توغرىسىدا بەزى بەلگىلمىلەرنىڭ بارلىقىنى، ئەمما كەسپىي تىلەمچىلەرگە قارىتىلغان ئېنىق بەلگىلىمىنىڭ يوقلۇقىنى بايقىغان.

    ئالاقىدار زاتلار مۇنداق دېدى: «ئەگەر كوچىلاردىكى تىلەمچىلەردىن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش پونكىتىنىڭ ياردىمىنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقى سورالسا، كۆپ ساندىكى كەسپىي تىلەمچى ئېنىقلا رەت قىلىدۇ؛ ئۇلار ھەرگىزمۇ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئالمايدۇ، پەقەت نەق پۇلنىلا ئالىدۇ، بۇنداقلار ئاساسەن كەسپىي تىلەمچىلەردۇر».



خەتكۈچلەر:
30-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 5-مايدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەنگلىيەدىكى تۇنجى تاغ پويىزى تېما قىلىنغان رېستۇران 13-ماي ئوردۇنتا شادلىق باغچىسىدا تىجارەت باشلايدۇ، شۇ ۋاقىتتا بۇ رېستۇراندىكى بارلىق تاماقل...
07-05-2016
    ئامېرىكا  Quora تور پونكىتى تورداشلاردىن «مېھمانخانا تەرەپ قايسى ئىشلارنى خېرىدارلارغا دەپ بەرمەيدۇ؟» دەپ سوئال سورىغان. تورداشلار تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەرگەن:     1. ئاساسەن ھەر بىر مېھما...
07-05-2016
    شاڭخەيدە تويى بولغان يىگىت جەي جياڭ بىلەن كېلىنچەك كاڭ شىتىڭ ۋەيما يولىدا بىر مەيدان ئۆزگىچە «ئەرمەك ھايۋان تېما قىلىنغان توي مۇراسىمى» ئۆتكۈزدى، تويغا تەبرىكلەپ كەلگەن دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئەرمەك ئىتلىرىنى چىرا...
07-05-2016
    بىر نۇسخا يېڭى دوكىلاتقا ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ كىنو رېژىسسورلىرى ئىچىدە، ئاياللارنىڭ نىسبىتى ئاران %13.6 ئىكەن. 2005-يىلىدىكى %11.3 دىن 2014-يىلىدىكى %11.9 كىچە، ئون يىلدىن بۇيان ئاياللار رېژىسسورلۇق قىلغان كىنو ...
06-05-2016
    مارۋېلنىڭ سۇپېر قەھرىمان فىلىمى «ئامېرىكا كاپىتانى 3» 5-ئاينىڭ 6-كۈنى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا قويۇلۇپ، كېچىلىك مەيدان 17 مىليون يۈەن (دەسلەپكى سىتاتىستىكا) بېلەت كىرىمىگە ئېرىشىپ، ئىچكى ئۆلكە بازىرى كىنوچىلىق تارىخىدا تۆ...
06-05-2016
     خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ماي، شىنجاڭ قومۇلدىكى دەۋر مەيدانىدا، يېڭى بىر جۈپلەر سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا. شۇ كۈنى «4-ماي» ياشلار بايرىمى كۈنى، شىنجاڭنىڭ قومۇل شە...
06-05-2016
4-ماي، خاڭدى يېزىسىنىڭ ئېرىقبويى كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: يېقىنقى بىرقانچە كۈندىن بۇيان، قەشقەر شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-با...
06-05-2016
ئادىل غوجالىم     ‹‹ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق›› شىنجاڭ جۇغراپىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى. بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى، تارىم ئويمانلىقى، تەڭرىتاغ، جۇڭغار ئويمانلىقى، ئالتاي تاغلىرى بار.   &...
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 4-كۈنى، شاڭخەي دىسنېي باغچىسى سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلاش ھارپىسىدا، خەلق ئاممىسى خۇشال ھالدا دىسنېي كىچىك بازىرى، شىڭيۈەن كۆلى ۋە باغچىنى ساياھەت قىلغان بولۇپ، نەق مەيدان ناھايىتى تەرتىپلىك بولغان. ...
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاق ياقىلىقلار شياڭگاڭ ئوتتۇرا ئايلانمىسىدىكى بىر «چۈشلۈك دەم ئېلىش دۇكىنى» ئىچىدە ژۇرنال كۆرۈپ ئارام ئالماقتا. بۇ «چۈشلۈك دەم ئېلىش دۇكىنى» يېقىندا ئوتتۇرا ئايلانمىدىكى پۇل مۇئامىلە رايونىدا تىجارەت ب...
Powered by Leglek