ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ قېتىم سانىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىدۇ
ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىناسى 17-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: ئامېرىكا كەلگۈسى 4 يىل ئىچىدە ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ رازۋېتكا قىلىش ۋە ھەربىي نىشانلارنى نۇقتىلىق تازىلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى قەرەللىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ قېتىم سانىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىدۇ. ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلىرىنىڭ يۇقۇرقى ھەرىكەتلىرى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئەيىپلەشكە ئۇچراپ كەلمەكتە.
بەش بۇرجەكلىك بىنانىنىڭ باياناتچىسى جېف.دەيۋېس مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسى قېتىم سانىنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۇرۇش قوماندانىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئېھتىياجىنى ئىپادىلەپ بەردى. بۇ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ 2011-يىلىدىن بۇيان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ قېتىم سانىنى تۇنجى قېتىم زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-يانۋار، داۋلارىغا جايلاشقان ھىندىستان توپچى ئەسكەرلەر ئىنىستىتۇتى مانېۋىر ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved