دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگان تەڭشەش گۇرۇپپىسى قۇرۇش ھەققىدە مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

   دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن كەچتە ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنىنى تەڭشەش، تەشكىللەش ھەققىدە مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن ئالاقىدار مەسىلىلەردە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى، بىر مۇخبىر: ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ بىرلەشمە ئىشتاب بۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەسى نېمە دەپ سورىغاندا ۋۇ چيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاساسلىق فۇنكسىيەسى ئۇرۇش قىلىش پىلانى تۈزۈش، قوماندانلىق قىلىش،كونترول قىلىش ۋە ئۇرۇش قىلىشقا قوماندانلىق قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ھەربىي ئىستراتېگىيە ۋە ھەربىي ئېھتىياجنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى باھالاشقا، بىرلەشمە مەشىق، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش قۇرۇلۇشى ۋە كۈندىلىك ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىش قاتارلىقلار.

       بىر مۇخبىر ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەسى نېمە دەپ سورىغاندا ۋۇ چيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاساسلىقى پۈتۈن ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي خىزمەت، سىياسىي تەربىيە ۋە ئارمىيەنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش قاتارلىق فۇنكسىيەلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ۋۇ چيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئارقا سەپ كاپالەت بۆلۈمى ئاساسلىقى پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات پىلانىنى تۈزۈش، سىياسەت تەتقىقاتى، ئۆلچەم تۈزۈش، تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش قاتارلىق فۇنكسىيەلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ۋۇ چيەن قورال جابدۇق تەرەققىيات تۈزۈلمىسىنىڭ قانداق تەڭشىلىپ ئىسلاھ قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قورال جابدۇق تەرەققىيات بۆلۈمى ئاساسلىقى پۈتۈن ئارمىيەنىڭ قورال جابدۇق تەرەققىيات پىلانىنى پىلانلاش، تەتقىق قىلىش، سىناق قىلىش، باھالاش، سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش، ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق فۇنكسىيەلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى قورال جابدۇق تارماقلىرى مەركەزلىك بىرتۇتاش باشقۇرىدىغان، ئارمىيە تۈرى كونكرېت باشقۇرىدىغان، ئۇرۇش رايونى بىرلەشمە ئىشلىتىلىدىغان تۈزۈلمە رامكىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ، ۋۇ چيەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ھەربىي ئىشلار كومىتېتى مەشىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنى تەڭشەپ تەشكىللەش پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ھەربىي مەشىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشكە، قىسىم ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، بۇ ھەربىي مەشىق بىلەن قىسىملارنى باشقۇرۇشنى تېخىمۇ يېقىن جىپسىلاشتۇرۇپ،ئەمەلىي ئۇرۇش ئۈستىدە مەشىقلەندۈرۈش ۋە ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىر مۇخبىر ھەربىي ئىشلار كومىتېتى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك بۆلۈمى قۇرۇشتا ئاساسلىقى نېمە ئويلىشىلدى؟ دەپ سورىغاندا ۋۇ چيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى ۋە ئارقا سەپ كۈچى قۇرۇلۇشىنى تەشكىللەش، ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئۆتەپ، ئۆلكە ھەربىي رايونىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى باشقۇرىدۇ، بۇ ئىستراتېگىيەلىك قاتلامدىن دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى ۋە ئارقا سەپ كۈچى قۇرۇلۇشىغا بولغان تەشكىلى رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق، ۋۇ چيەن يېڭىدىن تەڭشەپ تەشكىللەنگەن ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ فۇنكىسىيەلىك رولى ھەققىدە مۇنداق دېدى: شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنى تارماقلىرى ۋە ئۇرۇش رايونىغا ئايرىم ئايرىم ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈشنىڭ نازارەت قىلىش رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئىككى مۇھىم رەھبەرلىك تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش نازارەت قىلىشنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە نوپۇزى كۈچەيتىلىدۇ. ۋۇ چيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەربىي ئىشلار كومىتېتى يېڭىدىن تەڭشەپ تەشكىللىگەن ئىقتىسادى تەپتىش مەھكىمىسى ئاساسلىقى قىسىمنى ئىقتىسادى تەپتىش قىلىش، نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئۆتەپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئىقتىسادى تەپتىش خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئىقتىسادى تەپتىش نازارەت قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئالاقىدار ئورۇنلارغا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئىقتىسادى تەپتىش قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئىقتىسادى تەپتىشنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە نوپۇزىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادى تەپتىشنىڭ نازارەت قىلىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.



خەتكۈچلەر:
12-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: باغداش تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 7-مارت، كورېيە-ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ ‹‹ھالقىلىق ھۆكۈم›› ۋە ‹‹قۇرغۇي›› ناملىق ھەربىي مانېۋىرى 7-مارت كورېيەنىڭ پوخاڭدا رەسمىي باشلاندى. بۇ مانېۋىر 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 5- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى جۇڭگو بىلەن بولغان كۈندىن-كۈنگە خەتەرگە تولغان رىقابەتتە، ئامېرىكىنىڭ بىرىدىن-بىر كوزۇرى ۋاشىنگىتوننىڭ مەزكۇر رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولغانلىق...
07-03-2016
جۇڭگو رادىيو تورىنىڭ 6-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى رۇسىيە سۈنئىي ھەمرا تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى ماسلاشتۇرۇش ...
05-02-2016
       شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 3-فېۋرال، كورېيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان تىپتىكى يەتتە جەڭ ئايروپىلانىدىن تەركىب تاپقان ئەترەت تەقلىدىي ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. بولۇپمۇ چاۋشيەن يېقىندا راكېتا قويۇپ بەرمەكچى بولغان سەزگ...
04-02-2016
     ئەنگىلىيە لۇ شىيۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 2-فېۋرال خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافرىقا قىتئەسى دۆلىتى جىبۇتىنىڭ زۇڭلىسى ئىشمېل.ئۆمەر.گاللاق زىيارەت قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، جۇڭگو تەرەپ جىبۇتدا دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇرۇش ...
03-02-2016
       2-ئاينىڭ 2-كۈنى، جىنەن ساقچى تەرەپ ‹كۆپ نۇقتىلىق تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى› ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ساقچى خادىملارنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى...
21-01-2016
  «ئامېرىكا ئاخباراتلىرى ۋە دۇنيا خەۋەرلىرى» ئېلان قىلغان رەت تەرتىپتە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە دۇنيا ھەربىي كۈچ رەت تەرتىپىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۇ قېتىمقى رەت تەرتىپ داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ۋاقتىدا ئېلان قىلىندى. ...
12-01-2016
        شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-يانۋار، داۋلارىغا جايلاشقان ھىندىستان توپچى ئەسكەرلەر ئىنىستىتۇتى مانېۋىر ئۆتكۈزدى.
12-01-2016
         شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-يانۋار، داۋلارىغا جايلاشقان ھىندىستان توپچى ئەسكەرلەر ئىنىستىتۇتى مانېۋىر ئۆتكۈزدى. شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-يانۋار، داۋلارىغا جايلاشقان ھىندىستان توپچى ئەسكەرلە...
11-01-2016
       10-يانۋار، فۇجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 1 - ماي مەيدانىدا « خەلققا دوكلات» ساقچى لاېگىرىنى ئېچىۋېتىش ۋە 110 تېمىسىدىكى تەشۋىقات كۈنى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى.  نەق مەيداندا، ئامما ساقچىلى...
Powered by Leglek