خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى : دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، جۇڭگو دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى 9-دېكابىر جۇڭگو-پاكىستان يەر شارى بايلىقى سۈنئىي ھەمراھى ـــ ‹‹04 سۈنئىي ھەمراھى›› مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سۈرەتكە تارتىۋالغان تۇنجى تۈركۈمدىكى سۈرەتلەرنى سىرتقا ئاشكارىلىغان . بۇ سۈرتلەرنىڭ سۈزۈك ، سۈپىتى ياخشى بولۇپ ، لايىھەلەش تەلىپىگە يەتكەن . بۇ ‹‹04 سۈنئىي ھەمراھى››نىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن .
جۇڭگو-پاكىستان يەر شارى سۈنئىي ھەمراھى ـــ ‹‹04 سۈنئىي ھەمراھى›› 12-ئاينىڭ 7-كۈنى تەييۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قويۇپ بېرىلگەن . ‹‹04 سۈنئىي ھەمراھى ›› تىكى بەش مېتىرلىق تولۇق رەڭلىك ئاپپارات ، 10 مېتىرلىق كۆپ سىپېكتىرلىق ئاپپارات ، 20 مېتىرلىق كۆپ سىپېكتىرلىق ئاپپارات ، ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق كۆپ سىپېكتىرلىق ئاپپاراتلار 12-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇنجى قېتىم سۈرەتكە تارتىشنى باشلىغان بولۇپ ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يەر يۈزىنى كۆزىتىش ، تەكشۈرۈش مەركىزى مىيۈن قوبۇللاش پونكىتى بىلەن قەشقەر قوبۇللاش پونكىتى بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئوڭۇشلۇق قوبۇل قىلغان . جۇڭگو بايلىق سۈنئىي ھەمراھى قوللىنىش مەركىزى بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ، تۇنجى تۈركۈمدىكى سۈرەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن .
ئىگىلىنىشىچە ، جۇڭگو-پاكىستان ئىككى دۆلەت ‹‹A04 سۈنئىي ھەمراھى ›› نىڭ ھەمكارلىقىنى داۋاملىق قانات يايدۇرىدىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە ، 2017-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە قويۇپ بېرىدىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved