24-ئۆكتەبىر، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ 1-شۇجىسى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ 1-باشلىقى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانى كىم جوڭئۇن چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى 526 چوڭ بىرلەشمە ئەترىتى ۋە 478-بىرلەشمە قىسمىنىڭ تىركىشىش مەشقىگە يېتەكچىلىك قىلدى
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 24-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ 1-شۇجىسى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ 1-باشلىقى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانى كىم جوڭئۇن چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى 526 چوڭ بىرلەشمە ئەترىتى ۋە 478-بىرلەشمە قىسمىنىڭ تىركىشىش مەشقىگە يېتەكچىلىك قىلغان.
خەلق ئارمىيەسىنىڭ ھەرقايسى ئارمىيەلىرىنىڭ قوماندانلىرى، كورپۇس كوماندىرلىرى، دىۋىزىيە كوماندىرلىرى، بىرىگادا كوماندىرلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك ھەربىي ئىشلار مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى تىركىشىش مەشىقىنى كۆرگەن. كىم جوڭئۇن مەشق ھەققىدىكى دوكلاتنى ئەستايىدىل ئاڭلىغان ھەمدە مەشققە يېتەكچىلىك قىلغان. مەشقتىن كېيىن، كىم جوڭئۇن مەشقنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكىنى خۇلاسىلىگەن ھەمدە خەلق ئارمىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەرقانداق ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان ئىنقىلابىي قوراللىق كۈچكە ئايلاندۇرۇش توغرىسىدا يېتەكچى خاراكتېرلىك ۋەزىپىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved