ھامىلدارلار ئۆزىنىڭ بىر كۈنلۈك تاماق مىقدارىنى مۇۋاپىق تەقسىملەشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. بولۇپمۇ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار يېمەكلىك ئومۇمىي مىقدارىنى ئۆزىنىڭ يېمەك–ئىچمەك ئادىتى بويىچە تۆت قېتىمدىن ئالتە قېتىمغىچە بۆلۈپ يېيىشى، ھەر قېتىملىق تاماقنى ئالتە مىنۇتلا يېيىشى، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى مۇۋاپىق مىقداردا بىر قېتىم تاماق يېيىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا، كۈندە قوبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىنى كونترول قىلىپلا قالماستىن، ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
تاماق ئارىلىقىدا مېۋە–چىۋە، تۈگمەندە تارتىلغان بۇغدايدىن ئېتىلگەن بولكا، سۈت ئىستېمال قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. لېكىن بىر قىسىم ھامىلدارلار مېۋە–چىۋىنى تاماق ئورنىدا يەيدۇ. ھەتتا كۈنىگە 2 ~ 3 كىلوگىرام، ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ بولغان شېكەر مىقدارى يۇقىرى مېۋە–چىۋىنى ئىستېمال قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا قاندىكى شېكەر ماددىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئالدى بىلەن شېكەر ماددىسى تۆۋەن مېۋە–چىۋىنى ئىستېمال قىلىشى ياكى شوخلا، تەرخەمەك قاتارلىق كۆكتاتلارنى مېۋە–چىۋىنىڭ ئورنىدا يېيىشكىمۇ بولىدۇ، شۇنداقلا كۈندىلىك ئىسسىلىق مىقدارى 200 گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved