دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 16-ئىيۇل ئېلان قىلغان دەسلەپكى ھېسابات سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 26 تىرىليون 904 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، سېلىشتۇرما باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.4 ئاشقان. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېڭ لەييۈن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلمىي بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، بازارنىڭ رولىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، نىشانلىق تەڭشەپ تىزگىنلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى مۇقىملىق ئىچىدە ئالغا سىلجىتىپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشىلىدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved