جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 27-ئاپرېل شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى
شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 28-ئاپرېل تېلېگراممىسى : جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 27-ئاپرېل شىنجاڭغا يېتىپ كېلىپ ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات ، تەرەققىيات ، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشتا بولدى . بۇ شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان بىرىنچى قېتىم شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولۇشى .
شى جىنپىڭ مىللىي روتىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەن ›› دەپ ماختىدى
27-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ، قەشقەردە تۇرۇشلۇق شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىسمى 6-روتىسىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ناخشا ئېيتىپ ، ئۇسسۇل ئويناپ شى جىنپىڭنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى . ئاز سانلىق مىللەت ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنىڭ جۇشقۇن كەيپىياتىنى كۆرگەن شى جىنپىڭ خۇشال ھالدا : مىللىي روتا ھەقىقەتەنمۇ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەن ›› دېدى . سىلەرنىڭ ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ ، ۋەتەننىڭ چېگراسىنى ئوبدان ساقلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .
شى جىنپىڭ قوراللىق ساقچى ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ: ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن يېڭى تۆھپە يارىتىڭلار ، دېدى
27-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ، شى جىنپىڭ قەشقەردە قوراللىق ساقچى شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم قىسمىنىڭ ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى يوقلىدى . شەرەپ ئۆيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن ، شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى : شەمشەرنىڭ بىسى بىلىگەنسېرى ئۆتكۈرلىشىدۇ ، مېيخۇا گۈلى قەھرىتان سوغۇقتىمۇ خۇشپۇراق چېچىۋېرىدۇ . مۇھىت مۇرەككەپلەشكەنسېرى ۋە كەسكىنلەشكەنسېرى ئىرادىمۇ شۇنچە چېنىقىدۇ . مەن ئۆز مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئېسىڭلاردا چىڭ ساقلاپ ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ ، ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن يېڭى تۆھپە يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .
شى جىنپىڭ : ئادەتتە قانچىكى تەرلىگۈدەك مەشق قىلسا ، جەڭدە قان ئاز تۆكۈلىدۇ ، دېدى
شى جىنپىڭ 28-ئاپرېل قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى نەزەرباغ ساقچىخانىسىغا يېتىپ كېلىپ، كۆرۈنۈشلۈك كۆزىتىش ، ساقچىلار ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى كۆردى ، يەنە تېررورلۇققا قارشى مانېۋىرنى كۆردى . ئۇ مۇنداق دېدى : مەن سىلەرنىڭ ئۈسكۈنەڭلەر ۋە مەشقىڭلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن ، تېررورچى ئۇنسۇرلارغا قارشى تۇرۇشتا چوقۇم ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولۇشى كېرەك . مەشقنى چوقۇم ھەقىقىي جەڭ قىلىۋاتقاندەك قىلىشىڭلار كېرەك . ئادەتتە قانچىكى تەرلىگۈدەك مەشق قىلساڭلار ، جەڭدە شۇنچە قان ئاز تۆكۈلىدۇ .
باش شۇجى : ئاساسىي قاتلام ساقچىخانا خىزمىتىنى چوقۇم ياخشى ئىشلەش كېرەك ، دېدى
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى : قەشقەر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ئالدىنقى ئورۇن بولۇپ ، ۋەزىيىتى تولىمۇ كەسكىن ۋە مۇرەككەپ . ئاساسىي قاتلام ساقچىخانىسى مۇشت ۋە شەمشەر بولۇپ ، خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك . مەن سىلەرنىڭ خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ ، مۇقىملىقنى قوغداشتا ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەر ئاساسىي قاتلام ساقچىلىرىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشى كېرەك ، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى ئوبدان قوغدىشىڭلار كېرەك . تېنىڭلارنىڭ ساغلام ، ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن .
خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشتىن كېيىن ، شى جىنپىڭ خەلق ساقچىلىرىغا مۇنداق دېدى : مەن ئىختىيارسىزلا مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چى جىگۇاڭنىڭ مەشق قىلىپ ، ياپون قاراقچىلىرىنى قانداق ئورغانلىقىنى ئويلاپ قالدىم ، ئۇ ئۆز يېرىدىن ماتېرىيال ئېلىپ ، بامبۇكنى ئۇچلىغان ، بامبۇك تولىمۇ ئۇزۇن بولۇپ ، بەشەيلەن ياكى يەتتەيلەن بىر گۇرۇپپا بولغان ، ئالدى بىلەن بامبۇك بىلەن ياپون قاراقچىلىرىنى توسۇپ ، ئۇلارنى يېقىن كەلتۈرمىگەن ، ئارقىدىن قالقان تۇتقان ئەسكەرلەر ئېتىلىپ بېرىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرگەن ، ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغان . بىزمۇ مۇشۇنداق ئۇرۇش سەنئىتىنى ۋە ئۈنۈملۈك قوراللارنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك .
باش شۇجى كەنت كومىتېتىدا پىكىر ئاڭلىدى
قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە ئاياغمەڭگەن كەنتىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى پائالىيەت ئۆيىدە كەنت ئاھالىلىرى ‹‹ ئىككى كومىتېت ›› قا پىكىر بەردى ، شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە ‹‹ قانداقلا پىكىر بەرسەڭلار بولىدۇ ›› دېدى . دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش يوللىرى كېڭەيتىلسە ، تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرزلەر كۆپرەك بېرىلسە، ......... كەنت كادىرلىرى بىرمۇ بىر دوكلات قىلدى ، باش شۇجىمۇ كەنت ئاھالىلىرىغا ئەھۋالنى بىرمۇ بىر چۈشەندۈردى ھەمدە يەرلىك تەرەپكە ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنى تاپىلىدى ھەمدە يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىنى تىلىدى .
شى جىنپىڭ : سىياسەت خەلق ئىرادىسىگە ماس بولۇشى ، خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشى كېرەك
باش شۇجى ئابدۇقېيۇم روزى ئائىلىسىگە كېلىپ ، ئۆي ئىچى ، ھويلا ، ئاشخانا ، قوتان ، باغ ، دېھقانچىلىق ماشىنا – سايمانلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى . ئۆي ئىگىسى ھاياجانلانغان ھالدا ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ تۇرۇپ پارتىيەنىڭ خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان سىياسەتلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى . باش شۇجى سىياسەت خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ماس بولۇش ، خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا بېكىتىلىشى كېرەك ، مېنىڭ كېلىشىمدىكى سەۋەبمۇ پارتىيەسىنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان–ئالمىغانلىقى ، رولىنى جارى قىلدۇرغان–قىلدۇرمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن .
باش شۇجىنىڭ ئۈمىدى : ئەڭ گۈزەل بولغىنى يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ
باش شۇجى روزى ئائىلىسىدە بىر قىسىم كادىر–كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى . ئۆزگىرىشلەر ، ئارزۇ – ئۈمىدلەر توغرىسىدا پىكىرلەشتى ، يۇرتداشلار قىزغىن سۆز قىلىشتى . بىر خەلق سەنئەتكارى شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇسى غىجەكتە ‹‹ئەڭ گۈزەل بولغىنى يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ ›› دېگەن مۇزىكىنى چالدى . شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى ، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ ، شىنجاڭنى ياخشى قۇرۇشىمىز كېرەك ! كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بايا چالغان مۇزىكىدەك ئەڭ گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
باش شۇجى باشلانغۇچ مەكتەپتە ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى كۆزدىن كەچۈردى
شى جىنپىڭ كونىشەھەر ناھىيە توققۇزاق بازىرى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6 – يىللىق 1 – سىنىپىغا كەلدى . 2 ئوقۇغۇچى ئايرىم – ئايرىم ھالدا خەنزۇ تىلىدا ‹‹ قەشقەردە مېھمان بولۇش ›› دېگەن تېكستنى ئوقىدى . ‹‹ئۆيۈڭلار بىلەن مەكتەپنىڭ ئارىلىقى يىراقمۇ ؟ ››، ‹‹چۈشلۈك تامىقىڭلار قانداق ؟››، ‹‹ قوش تىلنى نەچچىنچى يىللىقتىن باشلاپ ئۆگەندىڭلار؟››... باش شۇجى كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا شۇنداق سوئاللارنى سورىدى . ئۇ ئۆگىنىش ھەيئىتى زەينۇرەدىن چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلىسىز دەپ سورىغاندا ، زەينۇرە: ‹‹ئوقۇتقۇچى بولىمەن ›› دەپ جاۋاب بەردى . باش شۇجى جەزمەن شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
باش شۇجى خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشىنى ئىلھاملاندۇردى
شى جىنپىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئىشخانىسىغا كېلىپ ، بىر نەچچە خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى بىلەن قىزغىن پىكىرلەشتى ، ‹‹قايسى مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ؟ ››، ‹‹قوش تىل ئۆگەنسەڭلار ئائىلىدىكىلەر ھەممىسى قوللامدۇ ؟ ››... ئوقۇتقۇچى تەن لىيىڭ جاۋاب بېرىپ : ‹‹ھەممىسى قوللايدۇ ›› دېدى . باش شۇجى ئۇنىڭدىن : ‹‹ئۇيغۇر تىلى بىلەمسىز ؟ ›› دەپ سورىغاندا ، ئۇ: ‹‹ ئازراق بىلىمەن ، يەنە ئۆگىنىۋاتىمەن ›› دەپ جاۋاب بەردى . باش شۇجى ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇپ ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ ، بالىلارغا قوش تىلنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىتىشىنى ئېيتتى .
شى جىنپىڭ : ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگەنسە خىزمەت تاپمىقىمۇ ئوڭايلىشىدۇ
مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، باش شۇجى يەرلىك بالىلاردىن تولۇقسىزنى پۈتكۈزۈپ تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىپ ئوقۇش ئەھۋالىنى سورىدى . ئۇ مەكتەپ مۇدىرىغا : ‹‹ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ قوش تىل مائارىپىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك ، خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش كېلەچەكتە خىزمەت تېپىشقا قولايلىق يارىتىپلا قالماستىن ، يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئالغا سىلجىتىشتىمۇ تۆھپىسى زور›› دەپ تاپىلىدى . ماشىنىغا چىقىشتىن بۇرۇن ، ئۇ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ تۇرۇپ : ‹‹ سىلەرنىڭ بۇرچىڭلار شەرەپلىك ، چوقۇم خىزمەتنى ياخشى قىلىڭلار›› دېدى .
ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ باش شۇجى بىلەن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىدى
دەرس ئارىلىقى ۋاقتىدا مەيداندا بالىلار تەپكۈچ تېپىشتى ، ئارغامچە سەكرەشتى ، پۇتبول تېپىشتى ، باش شۇجى تەبەسسۇم بىلەن ھۇزۇرلاندى . ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشىدىغان ۋاقىتتا ، بىر قىسىم بالا كۆزىگە ئىسسىق ياش ئېلىشتى . ‹‹بوۋا ، خەير خوش ››، ‹‹ بوۋا، خەير خوش ››، ‹‹ يەنە كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز›› ... بالىلار بىر تەرەپتىن قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ ، بىر تەرەپتىن باش شۇجى بىلەن خوشلاشتى . باش شۇجىمۇ قولىنى پۇلاڭلىتىپ بالىلار بىلەن خوشلاشتى .
شى جىنپىڭ : تەرەققىياتنى ، خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ياخشى تۇتقاندىلا ئامما قىلىدىغان ئىش چىقىدۇ ، پۇل تاپقىلى بولىدۇ ، ئارزۇ–ئىستەك تۇغۇلىدۇ
28–ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ، شى جىنپىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەش ۋىلايەت – ئوبلاستتىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن بىرگە سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە مۇنداق دېدى: 2 -، 3 – كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى گۈللەندۈرۈشتە ، كىمنىڭ مەبلەغ چىقىرىشىدىن قەتئىينەزەر يەرلىك ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك .خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن ھەقىقىي ئىش قىلىپ بېرىشتە رېتىملىق تەدرىجىي ئىلگىرىلىگەندە، كۈچىنى چاغلاپ ئىش كۆرگەندە ، لەۋزىدە تۇرغاندا خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى خەلق رايى قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ .
شى جىنپىڭ : جەنۇبىي شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ھەر يەرنىڭ شەرت – شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك
قېزىلما بايلىق مولمۇ – يوق ؟ خوتەندە قاشتاش قېزىش قانداق باشقۇرۇلىۋاتىدۇ ؟ گىلەمچىلىك ۋە ئۇيغۇر دورىگەرلىكىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق ؟ شى جىنپىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى . ئۇ تەكىتلەپ ، جەنۇبىي شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ھەر يەرنىڭ شەرت – شارائىتىغا قاراپ ئىش قىلىش كېرەك . ئاشلىق–پاختا ، مېۋىچىلىك ، ئوت–چۆپ ۋە چاۋىچىلىق كەسپى كۆپ قىسىم دېھقان ئائىلىرىنى قاپلىغان بولۇپ ، دېھقان–چارۋىچىلارغا ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە بازار تىجارەت ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش كېرەك . بىر كەنت بىر كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان ، بىر يېزا بىر سورت يېتىشتۈرگەندە دېھقانلار بۇنىڭدىن مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ ، دېدى .
[ ئارقا كۆرۈنۈش ماتېرىيالى ]
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، شىنجاڭدا 22 مىليون 640 مىڭ نوپۇس ، 47 مىللەت بار ، ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %60 ىنى ئىگىلەيدۇ . 2010-يىلى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ ، مالىيە كىرىمى ھەسسىلەپ ئاشتى ، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى بىر ھەسسە ئاشتى ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى . بۇلتۇر پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 851 مىليارد يۈەنگە يېتىپ ، جامائەت مالىيە خامچوت كىرىمى 112 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئاشتى .
خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇيان ، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى
مىلادىدىن بۇرۇنقى 60-يىلى ، غەربىي خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتى غەربىي دىيار قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى قۇرۇپ، غەربىي دىيارنى رەسمىي ھالدا خەن سۇلالىسىنىڭ تېررىتورىيەسىگە مەنسۇپ قىلغان . 1884-يىلى مەركىزىي ھۆكۈمەت شىنجاڭدا ۋاقىتلىق ۋازارەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ، يۇرتقا قايتىپ كەلگەنلىك مەنىسىدىكى ‹‹شىنجاڭ›› دېگەن نام ‹‹غەربىي دىيار›› دېگەن نامنىڭ ئورنىنى ئالغان .
يىپىك يولىدىكى نۇرلۇق يۇلتۇز — قەشقەر
‹‹قەشقەر›› — قاشتېشى مەركەزلەشكەن جاي دېگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ ، ئەزەلدىن ‹‹يىپەك يولىدىكى نۇرلۇق يۇلتۇز ›› دەپ ئاتىلىپ كەلگەن . قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 162 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەردىن بىرى ، ناھىيەدىن 11 ى بار . قەشقەردە 47 مىللەت بار بولۇپ ، ئۇيغۇرلار %91.62 نى ئىگىلەيدۇ . ۋىلايەتنىڭ بىر پەسىللىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 9 مىليارد 940 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.6 ئاشقان .
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved