دۇنيانىڭ داھىيسى قارىلاش ئارقىلىق بارلىققا كەلمەيدۇ

‏خاككېر ئىمپېرىيەسى بولغان ئامېرىكا يەنىلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئوبرازىنى داۋاملىق خالىغانچە قارىلىماقتا. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى بوكاس 25-ئىيۇن ئاشكارا نۇتقىدا، جۇڭگو ئېلىپ بېرىۋاتقان تور سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالدى، ئامېرىكا بۇنىڭغا بىر چەتتە قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرماستىن، دىپلوماتىيە ۋە قانۇن ۋاسىتىسى بىلەن بۇ خىل قىلمىشنى داۋاملىق توسىدۇ دېدى. بوكاسنىڭ بۇ سۆزىدە ھېچقانداق يېڭىلىق يوق، بىراق ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمەت تارمىقىنىڭ جۇڭگونى ئاساسسىز ئەيىبلىگىنىنى قايتىلىدى، خالاس.


گەرچە جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ يولسىز ئەيىبلىشىگە قاتتىق رەددىيە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بوكاس يەنىلا كونا گەپنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقتى، بىزنىڭ يەنىلا جۇڭگونىڭ كەسكىن مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرۈش زۆرۈرىيىتىمىز بار، جۇڭگو-تور بىخەتەرلىكىنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى، جۇڭگو توردا سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش ھەرىكىتىنى ئەزەلدىن قىلمىدى ھەم قاتناشمىدى. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى ئەيىبلىشى پۈتۈنلەي تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك بولۇپ، بۇنىڭدا باشقىچە غەرىزى بار.


ئامېرىكا ئىزچىل زىيانغا ئۇچرىغۇچىلىق ئوبرازى بىلەن باشقا دۆلەتلەرنى يولسىز بىلەن ئەيىبلەپ كەلدى، بۇ ئىختىيارسىز كىشىلەرگە ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى»نىڭ «سىنودىن ئامېرىكا دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ پىرىزما ۋەقەسى قاتارلىق نازارەت پىلانىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ يۇقىرى ئورنىدىن مەھرۇم قېلىپ، باشقىلارنى ئەيىبلەش سالاھىيىتىنى يوقاتتى» دېگەن ئوبزورىنى ئەسلەتمەي قالمايدۇ.


ئامېرىكا بولسا خاككېر ئىمپېرىيەسى، بۇ ئاللىبۇرۇنلا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان پاكىت. كۆز بويامچىلىق قىلمىشى قانچىلىك كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئامېرىكىنىڭ ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت جەھەتتىكى قىلمىشلىرىنى يېپىپ قالالمايدۇ. پىرىزما ۋەقەسى ئامېرىكىنىڭ تۆۋەندىكىدەك سەتچىلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلىدى: ئامېرىكا ھەر كۈنى يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بەش مىلياردقا يېقىن يانفون خاتىرىسىنى توپلىغان، گېرمانىيەنىڭ ھازىرقى زۇڭلىسى مېركىلنىڭ يانفونىنى ئون يىلدىن ئارتۇق ئوغرىلىقچە ئاڭلىغان، ياخو، گۇگېل تور بېكەتلىرىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ئارىسىدىكى ئاساسلىق خەۋەرلىشىش تورىغا ئوغرىلىقچە كىرىپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سان-ساناقسىز ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىغان، كۆپ يىللاردىن بۇيان يانفون ئىشلىتىش تەرتىپىنى نازارەت قىلىپ، شەخسىي سانلىق مەلۇمات توپلىغان، جۇڭگوغا كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمى قوزغىغان.


‏ئۇزۇندىن بۇيان، ئامېرىكا ئىلغار تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ، بىر تەرەپتىن تور ئەركىنلىكىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، كۈچىنىڭ بارىچە ئۆزىنىڭ ئۇچۇر تور ئەركىنلىكىنى قوللىنىشتىكى خەلقئارا ئوبرازىنى ياراتماقچى بولدى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ تور ھۇجۇمى ئىقتىدارىنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتتى. 2011-يىلى «تور بوشلۇقى خەلقئارا ئىستراتېگىيەسى»نى ئېلان قىلغاندىن باشلاپ، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ تور بوشلۇقىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى ھەم ئامېرىكا ئۆز ئالدىغا خوجا بولغان تور بوشلۇقى ھەرىكەت مىزانىنى كۈچىنىڭ بارىچە بەرپا قىلماقچى بولدى. 2012-يىلى 10-ئايدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما «ئامېرىكا تور ئۇرۇشى سىياسىتى» دېگەن زۇڭتۇڭ بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە ئاخبارات ئەمەلدارلىرىدىن ئامېرىكا تور ھۇجۇمى قوزغىسا بولىدىغان نىشان تىزىملىكىنى تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. بۇيرۇقتا، ئامېرىكا ئالاھىدە ۋە مۇنتىزىمسىز قورال كۈچى ئىشلىتىپ، ئىشتىن بۇرۇن ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىگەن ئەھۋالدا ھۇجۇم قوزغىسا بولىدۇ دەپ بەلگىلەندى.


خاككېر ئىمپېرىيەسى بولغان ئامېرىكا يەنىلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئوبرازىنى داۋاملىق خالىغانچە قارىلىماقتا، كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل قارىلاش ئىشىنى داۋاملىق قىلىش جەريانىدا، يەنە كەلگۈسى يۈز يىلدا دۇنيا داھىيسى بولۇش چوتىنى سوقۇۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدى. ھالبۇكى، دۇنيا داھىيسى قارىلاش ئارقىلىق بارلىققا كەلمەيدۇ. خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخى ئىشى يوللۇق بولغانلارنىڭ نۇسرەت تاپىدىغانلىقى، ئىشى يولسىزلارنىڭ لەنەتكە قالىدىغانلىقى، ھەققانىيەتنىڭ ئاخىرىدا يەنىلا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلاپ بولغان.


بۈگۈنكى كۈندە، ئىنتېر تورى بوشلۇقىنىڭ ھەرىكەت مىزانى تېخى ئورنىتىلمىدى. دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەرلىكتە ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ئاساسىدا، خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇچۇر بىخەتەرلىك تەھدىتىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنغان ھەرىكەت قېلىپىنى تۈزۈپ، كۆپ تەرەپلىك، دېموكراتىك، ئېنىق بولۇش پىرىنسىپدا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتېر تورىنى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇپ، تىنچ، بىخەتەر، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمكارلاشقان ئۇچۇر مۇھىتىنى ئورنىتىشقا جىددىي موھتاج بولماقتا.



خەتكۈچلەر:
28-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek