رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى تۈنۈگۈن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا نۇرغۇن جايلاردا ئىستراتېگىيەلىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.
خەلقئارا تېلېگراف ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي ھەربىي رايوندىكى نۇرغۇن تارماق قىسىم، بالتىق دېڭىزى فىلوتى ھەمدە پاراشۇتچىلار قىسمى ئەڭ يۇقىرى ئۇرۇش تەييارلىقى ھالىتىدە نۇرغۇن دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىكى مانېۋىر مەيدانىدا بىر قاتار ئەمەلىي ئۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئۈلۈشكۈن شىمال فىلوتى، غەربىي ھەربىي رايون قىسمى، پاراشۇتچىلار قىسمىنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقىنى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى. ئۇرۇش تەييارلىقى تەكشۈرۈش رامكىسى ئاستىدا، يۇقىرىقى قىسىملارنىڭ رۇسىيە ۋە شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى ھەربىي بىخەتەرلىك ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بۇ قىسىملارغا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش تەييارلىقى ھالىتىگە كىرىش بۇيرۇقى بېرىلدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved