رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 26-نويابىر مۇنداق دېدى: رۇسىيە ھەر قانداق كىشىگە تەھدىت سالمايدۇ، رۇسىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك سۇيىقەستكە پېتىپ قېلىش ئويى يوق . پۇتىن شۇ كۈنى رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق دېدى: گەرچە كۆپلىگەن كىشىلەر رۇسىيەنى ئۆزلىرى لايىھەلىگەن جۇغراپىيەلىك سىياسىي سۇيىقەستكە باشلىماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە ھەر قانداق شەكىلدىكى جۇغراپىيەلىك ئورۇن سىياسىي سۇيىقەستىگە كىرىپ قېلىشنى خالىمايدۇ.
رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باش قوماندانى بولغان پۇتىن رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىدىن رۇسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇ يەنە رۇسىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندا، ھەر قايسى دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved