بېيجىڭ ۋاقتى 22-دېكابىر سائەت 9:29 ئۆتكەندە، ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش شىركىتى (SpaceX)« Falcon 9 FT» ناملىق يېڭى تىپتىكى راكېتانى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەن ھەمدە قويۇپ بېرىپ 10 مىنۇتتىن كېيىن 1-دەرىجىلىك راكېتانى ئاجايىپ ئوڭۇشلۇق قايتۇرۇۋېلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئالەم بوشلۇقى تارىخىدا رېكورت ياراتقان ھەمدە Orbcomm شىركىتىنىڭ 11 ئالاقە سۈنئىي ھەمراھىنى ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك يەتكۈزگەن. 1-دەرىجىلىك راكېتانى قايتۇرۇۋېلىش راكېتا قويۇ بېرىش خىراجىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا يېتىپ بېرىشىنى ئەرزانلاتقان بولۇپ، ئالەم بوشلۇقى دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغان.
ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش شىركىتى (SpaceX) مەبلەغ سالغۇچى ئېلون مۇسك 2002-يىلى 6-ئايدا قۇرغان ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى تىرانسپورت شىركىتى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved