ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما تۈنۈگۈن ھىندىستاندىكى ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇردى. ئوباما زىيارەت مەزگىلىدە، ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇخېرجى ۋە زۇڭلىسى مودى بىلەن ئۇچراشقاندىن باشقا يەنە ھىندىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى ھەربىي پارات تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مودى بۇلتۇر 9-ئايدا ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولدى، ئوباما بۇ قېتىم يەنە ھىندىستانغا زىيارەتكە كەلدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى قارىماققا ناھايىتى قويۇقلىشىپ، بەزى كېلىشىملەر ئىمزالاندى، ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ ئىشەنچىسى چىڭ بولمىغاچقا، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن توسالغۇلارغا دۇچ كەلدى.
ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مەزگىلىدە، ئىككى دۆلەت ئامېرىكا ھىندىستاننى خەلققە ئىشلىتىلىدىغان يادرو ئېنېرگىيەسى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.
مودى مۇنداق دېدى: خەلققە ئىشلىتىلىدىغان يادرو ئېنېرگىيەسى ھەمكارلىقى كېلىشىمى ھىندىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە ئىشەنچ مۇناسىۋىتىنىڭ يادرولۇق ھالقىسى، بۇنىڭ بىلەن يېڭى سودا ھەمكارلىق پۇرسىتى يارىتىلىپلا قالماستىن، ھىندىستاننىڭ پاكىزە ئېنېرگىيە ئىشلىتىشى تېخىمۇ كۆپ تاللاش بىلەن تەمىن ئېتىلىدۇ. سۆھبەت نەچچە يىل ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ بۈگۈنكى كۈندە بۇ كېلىشىمنى تاماملاش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشماقتا.
بۇندىن باشقا، ئىككى تەرەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇداپىئە ئىشلىرى ۋە يېڭى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى جەھەتتىمۇ بەزى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. ئوباما ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشىغا ئىشلىتىشىگە 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېرىشكە ۋەدە بەردى. ئوباما يەنە ئامېرىكا ھىندىستاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇشىنى قوللايدۇ، دېدى.
تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دېدى: خەلققە ئىشلىتىلىدىغان يادرو ئېنېرگىيەسى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئوبامانىڭ زىيارىتىنىڭ ئەڭ چوڭ نەتىجىسى دېيىشكە بولىدۇ، ئەمما ھىندىستان ئۈمىد قىلغاندەك ھەقىقىي ئەمەلىيلىشەمدۇ يوق، بۇنى كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
ھىندىستاندا ئالدىنقى نۆۋەتلىك كونگېرىسلار پارتىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، ھىندىستان-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى تەرەققىياتى بىرقەدەر ئاستا بولغان، خەلق پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، بۇنداق ئەھۋال كۆرۈنەرلىك ئۆزگەردى. مودى بۇلتۇر ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندا ھىندىستان ئامېرىكا بىلەن قويۇق سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ، دېگەن ئىدى. ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىمۇ ئامېرىكىنىڭ ھىندىستانغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈردى.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا «ئاسىيا-تىنچ ئوكياننى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ھىندىستاننى بالدۇرلا ئىتتىپاقداش قىلىۋېلىش ئويى بار ئىدى، ئەمما ھىندىستان ئاكتىپ بولماي كەلدى. مودى تەختكە چىققاندىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ شەرققە قاراش سىياسىتىنى شەرققە ھەرىكەت قىلىشقا ئۆزگەرتىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىشلىرىغا تېخىمۇ پائال پوزىتسىيە بىلەن قاتنىشىشقا تەييارلاندى، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرۇشنىڭ پۇرسىتىنى كۆرۈپ يەتتى.
ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى بروكىنىس ئىلمىي جەمئىيىتى ھىندىستان تەتقىقات تۈرىنىڭ مەسئۇلى مادان مۇنداق دەپ قارىدى: مودىنىڭ ئىجابىي پوزىتسىيەسى ئامېرىكىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش قارارىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، ھىندىستاننىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكياننى قايتىدىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم ھالقىسىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكىنىڭ ھىندىستاننىڭ ئۆزى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ھەقىقىي ئورنىتىش ياكى ئورناتماسلىقىغا يەنىلا گۇمانى بار.
ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بورنىس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ۋاشىنگتون بىلەن ھىندىستاننىڭ دۇنيا سودا سۆھبىتى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ھەمدە قىرىم قاتارلىق مەسىلىلەردە يەنىلا زور ئىختىلاپى بار. ئامېرىكىدا يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مودىنىڭ ھىندىستاندىكى ئەسەبىي مىللەتچى تەشكىلات بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ.
ھىندىستانمۇ ئوخشاشلا ئامېرىكىدىن گۇمانلىنىدۇ، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، ھىندىستاندىن پايدىلىنىش ئىكەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئەكسىچە ئامېرىكىدىن پايدىلىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
رۇسىيە دىپلوماتىيە ئۇنىستىتوتى شەرق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋولودىن مۇنداق دېدى: ھىندىستاننىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى شىبارا ئىلگىرى: بىز ھىندىستاننىڭ ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنىڭ تەدرىجىي چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقى ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك دېگەن ئىدى.
ھازىر قارايدىغانلا بولساق، ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ بىر بىرىگە يېقىنلاشقۇسى بار، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېقىندىن بۇيان بەزى بىر ئىلگىرىلەشلەر بولدى، لېكىن ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشى بەزى بىر توسالغۇلارغا دۇچ كەلمەكتە.
ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى نازۇك مۇناسىۋەتنى ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى ئىپادىسىدىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئوباما گەرچە ھىندىستاندا زىيارەتتە بولىمەن دەپ يۇقىرى مۇقام توۋلىغىنى بىلەن لېكىن ئۇنىڭ بەزى ئىشلىرى ھىندىستاننى ئەنسىرەتتى.
ئالدى بىلەن ھىندىستاندىكى تاجمەھەلنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش پائالىيىتىگە شۇنچە كۆپ تەييارلىق قىلسا، ئوباما بارمايمەن دەپ بارمىدى. ئاندىن كېيىن ئوبامانىڭ سېغىز چاينىغاچ پاراتنى كۆزدىن كەچۈرگەندىكى مەنسىتمەسلىك پوزىتسىيەسى ھىندىستانلىقلارنىڭ كۆزىگە سىغمىدى. ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئوبامانى قوغداش ئۈچۈن، پاراتنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئامېرىكىنىڭ مەرگەنلىرىنى مەيدانغا يېقىن ئەتراپتىكى ئىمارەتلەرنىڭ ئۆگزىسىگە ئايرىم-ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى تەلىپىگە ھىندىستان تەسلىكتە قوشۇلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved