پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
پورتۇگالىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش چوڭ مۇراسىمىدا خان مادرىد كۇلۇبىدا توپ تېپىۋاتقان داڭلىق ھۇجۇمچى كىرىستىيانو رونالدو پورتۇگالىيە تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى توپچى بۇلۇپ باھالاندى.
بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە ئۈچ نۆۋەتلىك ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رونالدونىڭ قوللاش نىسبىتى فىگو ۋە يوسبىئو قاتارلىق پورتۇگالىيەنىڭ رىۋايەتلىك توپچىكىرىدىن ئېشىپ كەتكەن ھەمدە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
كىرىستىيانو رونالدو مادرىد رىقابەت كۇلۇبى بىلەن بولغان ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن بۇ مۇراسىمغا قاتنىشالمىغان.
ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى چېلسىي كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇلى پورتۇگلىيەلىك « تەلۋە ئادەم » مۇرىنھۇ پورتۇگالىيەنىڭ 21-ئەسىردىكى ئەڭ ياخشى مەشقاۋۇل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved