فۇدەن ئۇنۋېرسىتىتىدىكى بىر قىزغا ھاجەتخانىدا ئوغۇل ساۋاقدىشى پىچاق تىقىۋەتتى

      تورداشلارنىڭ توردا ئاشكارىلىشىچە، 12-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچ سائەت سەككىزلەردە، فۇدەن ئۇنۋېرسىتىتى باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ شىدەي بىناسىدا پىچاق كۆتۈرۈپ ئادەم يارىلاندۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، پىچاق كۆتۈرۈۋالغان بىر ئوغۇل بىر قىز ئوقۇغۇچىنى يارىلاندۇرغان. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، دېلودىكى گۇماندار ھاجەتخانا ئىچىدە ساقچىلار تەرىپىدىن بوي سۇندۇرۇلغان. ‹ شەرق تورى› مۇخبىرىنىڭ ئەھۋال ئىگەللىشىچە، دېلودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بويۇن قىسمىغا پىچاق تىقىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇلماقتا ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، تورداشلارنىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر دېلودىكى گۇماندار بولسا فۇدەن ئۇنۋېرسىتىتى باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى 2015-يىللىق MBA كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بولۇپ، پىچاق تىقىۋىتىلگەن قىزمۇ ئوخشاشلا MBA كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ئىكەن.

      ئۇنىڭدىن باشقا تورداشلارنىڭ يەنە توردا ئاشكارىلىشىچە، 12-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچ سائەت سەككىزدىن 24 مىنۇتلار ئۆتكەندە، فۇدەن ئۇنۋېرسىتىتى ياڭپۇ مەكتەپ رايونىدىكى باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ 6-قەۋىتىدىكى قىزلار ھاجەتخانىسىدا بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ بويۇن قىسمىغا پىچاق تىقىپ يارىلاندۇرۇلغان. ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن گۇماندارنى دەرھال بوي سۇندۇرغان، يارىلانغۇچى 120 تەرىپىدىن دوختۇرخانىغا قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، يارىدارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەن. دېلونىڭ ئەھۋالىغا قارىتا دەسلەپكى قەدەمدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر دېلودىكى گۇماندار بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات مەسلىسى مەزكۇر دېلونى كەلتۈرۈپ چىقارغان. پىچاق تىقىۋەتكەن ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى بولسا ۋاڭ چېڭ بولۇپ، يارىلانغان قىزنىڭ فامىلىسى گۇ ئىكەن. ۋاڭ فامىلىلىك ئوغۇل ئوقۇغۇچى گۇ فامىلىلىك قىز ئوقۇغۇچىنى قوغلىشىپ، ئۇنىڭغا ئازراق پۇل خەجلىگەن بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا بۇ قىزنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن. گۇ فامىلىلىك قىز ئوقۇغۇچى ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ پۇللىرىنى قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ۋاڭ فامىلىلىك ئوقۇغۇچى يەنىلا بولدى قىلمىغان ھەم گۇ فامىلىلىكنىڭ كەينىگە كىرىۋالغان، 25-چېسلا كۈنى كەچتە، ۋاڭ فامىلىلىك ئوغۇل ئوقۇغۇچى گۇ فامىلىلىكنى قىزنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇپ ئۇنىڭ بوينىغا پىچاق تىقىۋەتكەن، كەينىدىن ۋاڭ فامىلىلىك ئۆزىنىڭ بىلىكىنى كېسىۋالغان، دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، گۇ فامىلىلىك قىز دوختۇرخانىغا قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلگەن، ۋاڭ فامىلىلىك ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.



خەتكۈچلەر:
26-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
ۋىكتورىيە بېكھام، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى Hetfield دا تۇغۇلغان، ئەنگىلىيە ناخشا چولپىنى، مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى. دۆلەت تەۋەلىكى: ئەنگىلىيە قان تىپى: O تىپلىق قان بوي ئېگىزلىكى: 163 سانتېمېتر ئېغىرلىقى: 43 كىلو...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەلىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ دەپنە مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىلىق بوكىس شاھى...
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
Powered by Leglek