قارىغۇلارچە ئاقسىل تۇلۇقلاشقا بولمايدۇ

خېشۈن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ بويىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم كالتىسى تولۇقلاش كېرەك ،دەپ قارايدۇ.كالتىسى كەم بولغاندا ھەقىقەتەن بالنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگەتەسىر كۆرسىتىدۇ،لېكىن كالتىسى ھەددىدن ئارتۇق بولۇپ كەتسىمۇ سۆڭەكتە ئارتۇق توپلىنىپ قېلىپ،ئەكىسچە بوي ئۆسمەي قالىدۇ.

شۇڭا بالىغا كالتىسى تولۇقلاشتىن بۇرۇن بالا بەدنىدىكى مىكرو ئىلمىنىت مىقدارىنى تەكشۈرتۈپ ئاندىن بالنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، مۇتەخسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشى بويىچە ئىلمى تولۇقلاش كېرەك. ئاقسىل بولسا بالىنىڭ چىشىنىڭ ئۆسۈش ،شەكىللىنىشى،كالتىسىيلىشىش، قاتارلىقلاردا رولى ئىنتايىن مۇھىم. ئاقسىلنىڭ ئاساسلىق كىلىش مەنبەسى،سۈت تۈرىدىكى، گۆش تۈرىدىكى، بېلىق تۈرىدىكى ۋە باشقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاقسىلى قاتارلىق. دائىملىق ئاقسىللار بۇئىككى خىل بۇلۇپ، ئەگەر قۇبۇل قىلغان ئاقسىل مىقدارى يەتمىسە،چىشنىڭ رەتسىز بۇلۇپ قېلىشىنى ، چىشنىڭ كىچىكىپ يىتىلىشى، چىش ئەتراپى كېسەللىكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

ئاقسىل بولسا ئادەم بەدىنىدىكى نېتروگىن ئېلېمېنتىنىڭ ئاساسلىق مەنبىيى بولۇپ، سەرپ بولىدىغان بىر قىسىم ئېنىرگىيەنى تەمىنلىگەندىن باشقا، يېڭى توقۇلمىلارنىڭ بىرىكىشىگە قاتنىشىدۇ، بالاغەتكە يەتكەن ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ئاقسىل ئومۇمىي بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنىەن 17پىرسەنتىنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى 3پىرسەنت ئاقسىل مىتابولىزىم ئېلىپ بېرىپ يېڭىلىنىدۇ، بوۋاقلار، ياش ئۆسمۈرلەر، ھامىلىدار ئاياللار ۋە سۈت ئىمىتىۋاتقان ئاياللار ئاقسىلنىڭ يېڭىلىنىشنى داۋاملاشتۇرغاندىن باشقا يەنە يېڭى توقۇلمىلارنى ھاسىل قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. بەدەندىكى ئاقسىل يېتىشمىگەن ۋاقىتتا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئاساسى ھاياتلىق پائالىيىتى تەسىرگە ئۇچراپ، بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۈسۈپ-يېتىلىشى كېچىكىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن بولۇش ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. چوڭلاردا بولسا ھارغىنلىق، ئورۇقلاش، قان ئازلىق، ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

كۆپچىلىك بىلىدىغان كۆپلىگەن ئاقسىللارنىڭ ئىچىدە ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يوقىرى بولغىنى پۇرچاقتىن ئېلىنغان ئۆسۈملۈك ئاقسىلى بولۇپ، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە خولىستېرىن يوق بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىك ھايۋانات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە يوق بولغاچقا، سېرىق پۇرچاق ئاقسىلى كىشىلەر كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىدىغان ئاقسىل بولۇپ كەلمەكتە. ھازىرقى زامان ئىلغار ئۇسۇللار ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن سېرىق پۇرچاى ئاقسىلنىڭ سۈپىتىدە ناھايىتى چوڭ يۇقىرى كۈتۈرۈلۈش بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا تەركىبىدىكى ماي مىقدارىدا تۆۋەنلەش بولىدۇ. 

 

ئەلۋەتتە ئاقىسلنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بۇنىڭغا سەل قاراشقا تېخىمۇ بولمايدۇ .ئاقسىل بولسا ئانتىتېلانىڭ مۇھىم بولغان تەركىبىي قىسمى، ئەگەر ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ياخشى بولمىسا بەدەننىڭ ئىممونىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى يېرىم ئايدا ئاقسىل ھەر بەدەن ئېغىرلىقىغا 2-1.5 گىرام، ھەر كۈنلۈكى 150-100 گىرام ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك. شۇڭا، توخۇ گۆشى، توخۇم، سۈت ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.

 

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ .ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
28-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek