ئارىمىزدا دۆت ئاتا-ئانا باركى، دۆت پەرزەنت يوق

ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئىدارىدە ئىشلەيدىغان دوستۇمنىڭ ئۆيىگە باردىم. ناھايىتى چىرايلىق بېزەلگەن ئۆينىڭ تۆرىگە قويۇلغان ئىشكاپنىڭ ئۈستىدىكى بىر دەستە گۈلنىڭ يېنىغا ئوغلىنىڭ تەقدىرنامىسى قويۇپ قويۇلۇپتۇ. ئىشىكتىن كىرگەندىلا كۆزگە چېلىقىدىغان بىر تەقدىرنامە دىققىتىمنى تارتتى. دوستۇمنىڭ ئېرى بىزگە مۇنداق بىر ئىشنى ئەسلەپ بەردى: -تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. ماتېماتىكىدا سىنىپ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرساممۇ، خىمىيە، فىزىكا دەرسلىرىنى پەقەتلا چۈشەنمىدىم. بۇ پەنلەرگە بولغان قىزغىنلىقىم كۈندىن-كۈنگە سۇسلاپ كەتتى. ئىككىلا مۇئەللىم مېنى «دۆت» دەپ دۈشكەللىدى. ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇتىلى دەرسلىرىدە يۇقىرى نومۇر ئالغانلىقىم ئۈچۈن، سىنىپ تەربىيەچىم ئۆزىنىڭ قول يازمىسى يېزىلغان، ئەمما مەكتەپنىڭ تامغىسى بېسىلمىغان «تەقدىرنامە» نى بەردى. ئاتام بۇنى كۆرۈپ پىشانەمگە سۆيۈپ تۇرۇپ: «ئەقىللىق بالام، يارايسەن!» دېدى ۋە ھېلىقى تەقدىرنامىنى رامكىغا ئېلىپ، تۆرگە تارتىلغان گىلەمنىڭ ئۈستىگە ئېسىپ قويدى. ھەر قېتىم ئىشىكتىن كىرسەم بۇ تەقدىرنامىنى كۆرەتتىم-دە، «مەن دۆت ئەمەس» دەيتتىم ئۆز-ئۆزۈمگە. شۇ «تەقدىرنامە» نىڭ سېھرى مېنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىمنىڭ ئۆگىنىشىگە ئىلھام بولدى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆيىمىزنىڭ بىر تېمى قېرىنداشلىرىمنىڭ ۋە مېنىڭ تەقدىرنامىلىرىم بىلەن تولدى. بىرىمىزنىڭ كەينىدىن بىرىمىز ئالىي مەكتەپكە كەتتۇق. ئەڭ ياخشى خىزمەت ئورنى، ئەڭ ياخشى تۇرمۇش بىزنى كۈتىۋالدى. دېمەك، پەرزەنت ھەرگىز دۆت ئەمەس، پەرزەنتنى دۆت قىلىدىغانمۇ، ئەقىللىق قىلىدىغانمۇ ئاتا-ئانىدىكى ئىدراك. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئوغلى ماتېماتىكىدا ئىزچىل 50 نومۇرنىڭ ئۈستىگە چىقالمايدىكەن. بۇ مەۋسۈمدە بىراقلا 120 نومۇر ئاپتۇ. باشقا پەنلەردىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، سىنىپ بويىچە ئۈچىنچى قاتارغا ئۆتۈپتۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز مەلۇم يىللىقنىڭ بىر سىنىپ تەربىيەچىسى مۇنداق دېدى: -بىر كۈنى كېچە سائەت ئىككىدىن ئاشقاندا ئۆيۈمنىڭ تېلېفونى سايراپ كەتتى. تۇرۇپكىنى قولۇمغا ئالسام، سىنىپ بويىچە ئارقىدىن سانىغاندا، ئىككىنچى رەتتە تۇرىدىغان بىر ئوقۇغۇچۇم ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىدىكى تولۇق ئوتتۇرىغا ئىمتىھان بەرگۈسى بارلىقىنى ئېيتىپ، ياردەم بېرىشىمنى ئۆتۈندى. مۇڭدىشىشتىن بىلدىمكى، ئۇ خېلى ئەقىللىق قىز ئىكەن. بىر يەكشەنبە ئۇنىڭ ئانىسىنى چاقىرىپ، قىزىنىڭ نىشانىنى ئېيتىۋىدىم، ئانىسى قىزىغا بىرنى ئالىيىۋىتىپ: -قىزىم ھالىغا باقماي، ئۆزىگە بەك يۇقىرى نىشان بېكىتىۋاپتۇ. سىنىپتىكى بالىلارنىڭ قۇيرۇقى بولۇپ ئوقۇسا، ئۇنىڭدىن يەنە قانداق ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ؟-دەپ ۋايساپلا كەتتى. ئوقۇغۇچۇم يىغلاپ تۇرۇپ: -ئانام دائىم ماڭا مۇشۇنداق زەربە بېرىدۇ،-دېدى. بۇ ئوقۇغۇچۇممۇ ماڭا ماسلىشىپ تىرىشىۋاتىدۇ. ھازىر سىنىپنىڭ ئالدى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئانىسىغا پىسخىكا ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئۆزىدىكى ئىللەتلەرنى تۈزىتىشكە دائىر بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلدى. مەكتەپ-ئىلىم-مەرىپەت باغچىسى، ئوقۇتقۇچىنىڭ پەرزەنتلەرگە بىلىم بېرىش مەجبۇرىيىتى باركى، ئادىمىيلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى سىڭدۈرۈش مەجبۇرىيىتى بولسىمۇ ئادەم بولۇشقا يېتەكلەيدۇ؛ ئائىلە پەرزەنتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەڭ بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ماكانى، شۇڭا ئائىلىدە پەرزەنتىنىڭ ئەقلىنى بوغىدىغان، پىسخىكىسىنى بۇزىدىغان سۆزلەر بولمىسۇن.



خەتكۈچلەر:
28-02-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى. 7-ئىيۇن، 8-ئىيۇن ۋە 9-ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە 25 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە 37 ئىمتىھان نۇقتىسى، 1041 ئىمتىھان مەيدانى تە...
28-05-2016
ئاقسۇ دىيارىدىكى تۈنجى قېتىملىق، شىنجاڭدىكى  9- قىتىملىق «كىتاپخانىدىكى ساخاۋەت» پائالىيىتى 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۇنى چۇشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:00دە ئونسۇ ناھيىلىك پارتىكومنىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان «مەرىپەت كىتاپخانىىس...
27-05-2016
    2015-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، جىلىن شەھەرلىك لۇڭتەن تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى ئالدىدا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بەزى ئاتا-ئانىلار ھەتتا لاپاس ئېلىپ كەلگەنىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەردە ئۆچىرەتتە تۇ...
26-05-2016
ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى رەسىملىرى
26-05-2016
1. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودىكى داڭلىق مەنزىرە ئېكىسكۇرسىيە ئورنى، مەكتەپ لوجياشەن رايونىدا، شەرقىي كۆل سۈيى ئوراپ تۇرىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5187 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 620 مىڭ كۋادرات مېتىر. قەدىمىي ۋە نەپى...
24-05-2016
    5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تېڭشۈننىڭ  ئاساسلىق قۇرغۇچىسى چېن يىدەن 2 مىليارد 500 مىليون شياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلىپ «يىدەن مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك پۇلنىڭ ھەممىسى ئىئانە قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ ب...
24-05-2016
    خەلق تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2016 - يىللىق 134 مىليارد 500 مىليون يۈەن شەھەر-يېزا مەجبۇرى مائارىپى تولۇقلىمىسىنى تارقاتقان، بۇ ...
24-05-2016
ئاقتۇ ناھىيەسى مەركىزى قوش تىل يەسلىسىدىكى كىچىك دوستلار رەسىم سىزىشنى ‏ئۆگەنمەكتە    2008-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، دۆلەت قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ‏ئوبلاستىغا 82 مىليون 600 مىڭ مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 91 قوش تىللىق يەسل...
24-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرى خەيساڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا كېرەكسىز ئىمتىھان سۇئا...
23-05-2016
    غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 101-سىنىپىدا «ئىنستىتۇت مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش» يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتى...
Powered by Leglek