شىنجاڭ دۆربىلجىن ناھىيەسى تەۋەلىكىدە 27-ئاپرېل سائەت 6:00 ئەتراپىدا تۇيۇقىسىز قارا يامغۇر يېغىپ، ئۈش قاراسۇ دەرياسىنىڭ سۇ ئورنى ئۆرلەپ كېتىپ، ئۈش قاراسۇ بازىرى، قارائېمىل بازىرى، ئېمالغۇلىن موڭغۇل يېزىسى، جېلئاغاش بازىرىدىكى قىسمەن كەنت-ئەترەتلەرگە كەلكۈن كېلىپ، 30 مىڭ مو ئېتىزلىقنى سۇ بېسىپ كەتكەن، 60 دىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ ئۆيى بۇزۇلغان، 60 دىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ ئۆيىنى سۇ بېسىپ كەتكەن. نۆۋەتتە، ئادەم قازا قىلىش ۋە يارىلىنىش توغرىسىدا مەلۇمات بولمىغان، ئاپەتكە ئۇچرىغان 200 دىن ئارتۇق ئامما تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، قاپسىلىپ قالغان 36 ئادەم ئوڭۇشلۇق قۇتقۇزۇۋېلىنغان، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ.
![]() |
خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بىڭجۇ بۆلىكىدە دېڭىز يۈزىدە مۇز پارچىلىرى لەيلەپ يۈرمەكتە.
20-يانۋار «قاپاق ياردى» مەزگىلى كىرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بۆل...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved