رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ياپونىيەگە قىلىدىغان زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى خاتوياما يۇكىئو بۇنىڭدىن ئەپسۇسىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى نارىشكىندىن پۇتىنغا يازغان خېتىنى تاپشۇرۇپ بېرىشىنى ئۆتۈندى.
13-ئۆكتەبىر،نارىشكىن دۆلەت دۇماسى بىناسىدا خاتوياما يۇكىئو بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. خاتوياما يۇكىئو مۇنداق دېگەن: ياپونىيە ھۆكۈمىتى، بولۇپمۇ ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى قانداق ئىش قىلسا ئامېرىكىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئويلىشىدىغان ۋەزىيەتكە كىرىپ قالدى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ياپونىيەنىڭ رۇسىيەنى جازالاش ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ بېسىمىدىن بولغان. خاتوياما يۇكىئو بۇنىڭ خاتا تەدبىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved