سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئىچكى ماتىرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، Galaxy S6、S6 edge、Note 5 قاتارلىق ئۈچ خىل بايراقدار يانفون 2-ئايدا ئاندىرويىد 6.0 گە يېڭىلىنىدىكەن.
باشقا ئاندىرويىد كارخانىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سامسۇڭنىڭ سىستېما يېڭىلاش سۈرئىتى سەل ئاستا. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىرقى ۋاقىتتا بايراقدار يانفونلىرىنىڭ سىستېمىسىنى ئاندىرويىد 6.0 گە يېڭىلىماقچى بولغانلىقى ھىچقانچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. بىلىشىمىز كېرەككى، ئۇزۇنغا قالماي ئېچىلىدىغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك گۇگېل ئەپ ئاچقۇچىلار چوڭ يىغىنىدا، ئاندىرويىد 7.0 كۆپچىلىككە نامايەن قىلىنىشى مۇمكىن.
ئەلۋەتتە، ئورگان تەرەپنىڭ سىستېما يېڭىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان دوستلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق بىر خەۋەر. سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بۇ ماتىرىيالغا ئاساسلانغاندا، Galaxy Note 5 ۋە +S6 edge يانفونى كېلەر ئايدا ئاندىرويىد 6.0 گە يېڭىلىنىدىكەن؛ S6 ۋە S6 edge يانفونلىرى كېلەر ئاينىڭ ئاخىرى ياكى 3-ئاينىڭ بېشىدا ئاندىرويىد 6.0 گە يېڭىلىنىدىكەن؛ S5、Note 4 ۋە Note 4 edge قاتارلىقلارنىڭ سىستېما يېڭىلاش ۋاقتى 3-4-ئايلارغا توغرا كېلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved