ئەنگلىيە ‹‹ ئەينەك گېزىتى ›› نىڭ 22-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، 38 ياشلىق ئاماندا ھەدىدىن زىيادە سېمىز ھەم يوغان بولۇپ ، ئەرلەرنى بېسىپ ‹‹ مىجىقىنى چىقىرىش ›› ئارقىلىق جان باقىدىكەن . ئاماندانىڭ بوي ئىگىزلىكى 190 سانتىمېتىر بولۇپ ، ئېغىرلىقى 127 كىلوگرام كېلىدىكەن . ئاماندا ئۆزىگە خاس ‹‹ گىگانت ›› ئالاھىدىلىكى بىلەن باشقا ئەرلەرنى ‹‹ ئازاپلاش ›› ئارقىلىق پۇل تاپىدىكەن . قىزىقارلىقى شۇكى ، ئۇنىڭ ھەربىر ‹‹ خېرىدارى ›› ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغاندا ، ئۆزىنى تولىمۇ خوشال ھىس قىلىدىكەن ، ھەرگىزمۇ خورلۇق ھېس قىلمايدىكەن . ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىر ‹‹ خېرىدار ›› تېخى ئاماندانىڭ ئاستىدا مىجىلىپ ئۆلۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان . ئەمما ئاماندا ئۇنى رەت قىلغان . ئاماندانىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇ بۇ خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن . ئىگىلىنىشىچە ، ئاماندانىڭ ئالاقە تورىدىكى مەستانلىرى تولىمۇ كۆپ بولۇپ ، ئۇنىڭ بۇ خىزمىتىنى توغرا چۈشىنىدىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved