جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 8-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بۇلگاكوۋنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن شىمالىي قۇتۇپقا 440 ھەربىي ئىشلار ئەسلىھەسى بازىسى قۇرۇپ چىقىدىكەن.
بۇلگاكوۋ:«يېڭى يىلدىن بۇرۇن، يېڭى يەر تاقىم ئارىلى، فىرانس يوزېف ئارىلى، شىمالىي يەر ئارىلى شۇنداقلا نوۋوسىبىرسكى ئارىلىغا 437 ھەربىي ئىشلار ئەسلىھە بازىسى قۇرۇپ چىقىمىز» دېگەن.
قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمىنىڭ زورلىقىدىن قارىغاندا، بۇ يىلدىن باشلاپ رۇسىيە شىمالىي قۇتۇپقا توشۇيدىغان ماتېرىياللارنىڭ ئومۇمىي سانى ئىككى ھەسسە ئاشىدىغان بولۇپ، 106 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن.
ئۇ يەنە:«رۇسىيەنىڭ شىمالىي قۇتۇپنى ھەربىيلەشتۈرۈۋەتمەيدىغانلىقىنى»، بىراق «كەڭ كۆلەملىك يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىپ، «شىمالىي قۇتۇپتىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايدىغانلىقىنى» تەكىتلىگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved