ۋېنگرىيە پارلامېنتى تۈنۈگۈن بىر قارار ماقۇللاپ، ئىراقنىڭ شىمالىغا 150 ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشنى قارار قىلدى.
قارارغا ئاساسەن، ۋېنگرىيە ئەسكەرلىرى ئىراقنىڭ شىمالىدا 2017-يىلى 31-دېكابىرغىچە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
ۋېنگرىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋە تاشقى ئىقتىساد مىنىستىرى ۋېستئالتو مۇنداق دېدى: ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى دۇنياغا نىسبەتەن تەھدىتتىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ تەشكىلاتى پۈتكۈل غەرب ئەللىرىنىڭ قىممەت سىستېمىسىغا ئومۇميۈزلۈك ياۋايىلارچە ھۇجۇم قىلدى، شۇڭا ھۆكۈمەت پارلامېنتقا ئەسكەر ئەۋەتىپ قوللاش ھەققىدە تەكلىپ بەردى. پارلامېنتنىڭ ئەسكەر ئەۋەتىش ھوقۇقى بېرىشى ئاقىلانىلىك ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved