سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى شىئەلەرنىڭ مەسچىتىدە يېقىندا يۈز بەرگەن ئادەمبومبا ھۇجۇمىدا 21 كىشى ئۆلۈپ، 100 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.
رادىكال تەشكىلات ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇنداقتا، سەئۇدى ئەرەبىستان نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالدى؟ دېڭىز قولتۇقىدىكى بۇ نېفىت چوڭ دۆلىتى ھازىر قانداق تەھدىتگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ؟ ئۇلار بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرماقچى؟
ئۈچ چوڭ سەۋەب
ئەمەلىيەتتە، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› سەئۇدى ئەرەبىستانغا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان. 2014 – يىلى 3 – دېكابىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى خاسا شەھىرى ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› قوراللىقلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، سەككىز كىشى ئۆلگەن. شۇ يىلى 24 – دېكابىر بۇ شەھەر ئەتراپىدىكى بىر يېزىمۇ ھۇجۇمغا ئۇچراپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچى دائىرىلىرى ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› بىلەن ئالاقىسى بار 77 كىشىنى تۇتقان. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان ساقچى دائىرىلىرى يەنە ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› نىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بىر تارمىقىنى بىتچىت قىلىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ 93 ئەزاسىنى قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلىدى. ساقچى دائىرىلىرى مۇنداق دېدى: بۇ شايكا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇھىم تارماقلىرى ۋە چەت ئەلنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى باش ئەلچىخانىسى قاتارلىق ئاپپاراتلارغا ھۇجۇم قىلىشنى مەخپىي پىلانلىغان.
ئەمەلىيەتتە، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››نىڭ ئىلگىرى ھېچقانداق ئۆچ – ئاداۋىتى يوق. ئۇنداقتا، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› نېمە ئۈچۈن سەئۇدى ئەربىستانغا ھۇجۇم قىلىدۇ؟ تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: بۇنىڭدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئۈچ سەۋەب بار:
بىرىنچى، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دىنىي جەھەتتىكى ئورنىنى تارتىۋالماقچى. ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› سۈننىيلەرنىڭ ۋاھابى تارمىقى بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن بىر مەزھەپكە تەۋە. ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› دەسلەپ قۇرۇلغاندا، پۈتۈن دىققىتىنى سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن جەڭ قىلىشقا قاراتتى، كېيىن ئىراققا كىرىپ كېڭەيدى. ئىراقنىڭ 2 – چوڭ شەھىرى موسۇلنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، 2014 – يىلى 6 – ئايدا دۆلەت قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىدىن بۇ تەشكىلاتنىڭ كاتتىبېشى باغدادقا سادىق بولۇشنى تەلەپ قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان بىز ئىسلام دۇنياسىدا ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىمىز، دەپ قاراپ كەلگەنىدى. ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› بولسا سەئۇدى ئەرەبىستان ھاكىمىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرغان ۋە ئاغدۇرغاندىلا، ئاندىن ئىسلام دۇنياسىدىكى ئورنىمىزنى تىكلىيەلەيمىز، دەپ قارايدۇ.
ئىككىنچى، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەزھەپلەر ئارىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلماقچى. سەئۇدى ئەرەبىستان سۈننىيلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىسلام دۆلىتى، شەرقىي قىسمىدا شىئەلەرمۇ ئولتۇراقلاشقان. ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››نىڭ بۇ قېتىمقى شەرقتىكى شىئەلەرنىڭ مەسچىتىگە قىلغان ھۇجۇمى سەۋەبلىك شۇ جايدىكى شىئەلەر ھۆكۈمەتتىن نارازى بولۇپ ۋە سۈننىيلەرگە ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ، مەزھەپلەر توقۇنۇشى پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
ئۈچىنچى، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاق تۈزگەنلىكىدىن ئۆچ ئالماقچى. سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكىنىڭ دېڭىز قولتۇقى رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› بىلەن ئامېرىكا چىقىشالمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قول سېلىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس.
ۋەزىيەت كەسكىن
تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ، تۆۋەندىكىدەك تۆت جەھەتتە تەھدىتكە دۇچ كېلىدۇ:
بىرىنچى، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىچكى جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان جەمئىيىتىنىڭ ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشى ئېغىر بولۇپ، خان جەمەتى ئەزالىرىنىڭ خەزىنىسى دۆلەت خەزىنىسىدىن قېلىشمايدۇ. بىراق پۇقرالار ئۇنچە باي ئەمەس. تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %25كە يەتكەن بولۇپ، تەخمىنەن 4 مىليون كىشىنىڭ ئايلىق كىرىمى 530 دوللاردىن تۆۋەن ئىكەن. ئىشسىز قالغان بىر قىسىم ياشلار باي – باياشات كۆرۈنىدىغان بۇ دۆلەتتە ياشاشقا ئامالسىز قالغاچقا، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› قاتارلىق تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ ئازدۇرۇشىدا تۇيۇق يولغا كىرىپ كېتىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىدىكى شىئەلەرنىڭ قارشىلىقى پەسەيمەي، تېخىمۇ كۆپ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
ئىككىنچى، يەمەننىڭ تەھدىتى. سەئۇدى ئەرەبىستاننى مەركەز قىلغان بىرلەشمە ئارمىيە خۇسەي قوراللىقلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋەتتى. خۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ رەھبىرى ئابدۇللا مالىك خۇسەي بۇ يىل 4 – ئايدا: بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قايتۇرما زەربە بېرىمىز، دېدى. شۇڭا خۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ.
ئۈچىنچى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەننىڭ ھەربىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى شۇ جاينىڭ ۋەزىيىتىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ‹‹بازا›› تەشكىلاتى قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ياشاش ۋە كۈچىيىش شارائىتى ھازىرلاپ بەردى.
‹‹بازا›› تەشكىلاتىنىڭ تۈپ ئىدىيەسى ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش، سەئۇدى ئەرەبىستان بولسا ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى. ئىلگىرى ‹‹بازا›› تەشكىلاتى ئافغانىستان ۋە ئىراقتا ئامېرىكا بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن كارى بولمىغانىدى. ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى ئارمىيەسىنىڭ تەدرىجىي ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، ‹‹بازا›› تەشكىلاتى ئەمدىكى نىشانىنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارىتىشى مۇمكىن.
تۆتىنچى، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››نىڭ تەھدىتى. بۇ نۇقتا بۇ قېتىمقى مەسچىتكە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن ئايان بولدى.
قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟
تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستان يۇقىرىدىكى تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىچكى، تاشقى جەھەتتىن قول سېلىشى مۇمكىن.
سىرتقا نىسبەتەن، سەئۇدى ئەرەبىستان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات، تېخنىكا، ئەسكىرىي كۈچى جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، تېررورچىلارغا زەربە بېرىشى مۇمكىن.
سەئۇدى ئەرەبىستان يەنە يەمەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەن مەسىلىسىدە ھازىر ئالدىغا مېڭىش ياكى چېكىنىش يولى قالمىدى، سەئۇدى ئەرەبىستان يەمەندىن چىرايلىقچە قول ئۈزۈش ئۈچۈن، يەمەن بىلەن سىياسىي جەھەتتىكى يارىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بىراق ھازىر يەمەننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا پاناھلىنىۋاتقان زۇڭتۇڭى ھادى خۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە قاتنىشىشنى رەت قىلدى، خۇسەي قوراللىقلىرى يەمەن ۋەزىيىتىنى ئىدارە قىلىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى، ئۇلارنى چەتكە قېقىپ يارىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرماق بەسى مۈشكۈل ئىشتۇر. شۇڭا سەئۇدى ئەرەبىستان ھادىنى نىيىتىدىن يېنىشقا دەۋەت قىلىپ، يەمەننىڭ مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.
ئىچكى جەھەتتە، سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋپسىزلىك – قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، چېگرا سىرتىدىكى قوراللىقلارنىڭ سىڭىپ كىرىشىدىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، شىئەلەرنىڭ تەشۋىشىنى تۈگىتىپ، مەزھەپلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىپ، بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىش قاتارلىق جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، تېررورچىلارغا پۇرسەت بەرمەسلىكى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved