ئۆكتىچىلەر ھەلەب رايۇنى يېزىلىرىدا ئىلگىرلىمەكتە

جاھان ئاگېنتلىقى 13-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سۇرىيە بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتى ۋە ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى «ISIS» قا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى، سۇرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىنىڭ شىمالىدا 11- مايدىن باشلاپ ھەرىكەت باشلىغان بولۇپ، شۇ جەرياندا 5 يېزىنى كونترول قىلدى. 2014-يىلى يانۋاردا ISIS تەشكىلاتى سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىگە قارشى ئۇرۇش باشلىغان بولۇپ، سۇرىيەنىڭ دەير زور ۋە رەققە قاتارلىق بىر قانچە رايۇنىدا كىڭەيگەن ئىدى، ISIS تەشكىلاتى ھەلەب شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى يېزىلاردا «مۇمبۇج، چوبانبەي، ئەل باب، ئاكتارىن، تۈركمەن بارىخ، گۇندارا، جەرابلۇس قاتارلىق بىر قانچە ئورۇنلارنى كونترول قىلىۋالغان بولۇپ، ئەينەل ئەرەب «كوبانى» سىرتىدا توقۇنۇشلار داۋاملاشقان ئىدى. ئۆكتىچىلەر ھەلەبنىڭ شىمالىدىكى كارامىل يېزىسىدا 11-مايدا باشلىغان ھۇجۇم ھەرىكىتى نەتىجىسىدە 5 يېزىنى قولىغا كىرگۈزدى. سۇرىيە ئۆكتىچى گۇرۇپپىسى «شامىيە فرونتى» ھەرىكەت قۇماندانى ئەبۇ ۋەلىد، 1 يېرىم يىلدىن بۇيان ISIS كە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، « خەلقىمىز ISIS دەپ ئاتالغان بۇ خارىجىييە تېرور تەشكىلاتىنى ئازابىنى تارتتى، ISIS تەشكىلاتى شۇئاندا ئاجىز بىر باسقۇچتا تۇرماقتا، بىزنىڭ نىشانىمىز ئاۋال «ئەل باب، چوبانبەي، ئاكتارىن، مۇمبۇج» قاتارلىق ISIS نىڭ قولىدىكى رايۇنلارنى قايتۇرۋېلىشتۇر» دېدى. ئەبۇ ۋەلىد، كارامىل يېزىسىدىن باشلاپ 3 كۈن ئىچىدە «ھاساجىك، شاھبا، گۇل، سۇرۇچ، ھاسسىيە» قاتارلىق 5 يېزىنى ISIS تىن قايتۇرۋالغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتكە ئۆكتىچىلەردىن 7 گۇرۇپپىنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەبۇ ۋەلىد، ISIS نى ئىسلام نامىدا خەلقكە زۇلۇم قىلىدىغان بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، ISIS نىڭ يېقىندا سۇرىيە زېمىنىدىن يۇقىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



14-05-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جاھان ئاگېنتلىقى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek