11-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچ سائەت 7:35 ئۆتكەندە، خاڭجۇ مېتروسى 4-نومۇرلۇق لىنىيەسىنىڭ شۈيچېڭ كۆۋرۈكى بېكىتىدە يول يۈزى گۆمۈرۈلۈپ چۈشكەن، گۆمۈرۈلۈپ چۈشكەن ئۇ يەر فۇشىڭ يولى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ يولنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بولغاچقا، يولدا قاتناش توسۇلۇپ قالغان؛ گۆمۈرۈلۈپ چۈشكەن ئورۇن قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئازگال ئېغىزىنىڭ رادىئوسى تەخمىنەن 4.5 مېتىر كېلىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئورۇندىكى يول يۈزىدە بەلگىلىك دائىرىدە قىيپاش يانتولۇق شەكىللىنىپ قېلىپ، قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ جەنۇبىدىكى تۆت ماشىنا يولىدا قاتناش توسۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، نۆۋەتتە بۇ دائىرە ئېتىۋېتىلىپتۇ.
نەق مەيداندا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ بېتون بىلەن ئازگالنى تولدۇرغان.
بىخەتەرلىك كۆزدە تۇتۇلۇپ، مىنئەن گۈلزارى ئولتۇراق رايونىدىكى 20 كورپوس، كوچا ياقىسىدىكى 23 كورپوس ئاھالىلىك يېقىن ئەتراپتىكى مېھمانخانىغا كۆچۈرۈلگەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved