ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتكە كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئىران بىلەن بولغان بىۋاسىتە سۆھبىتى باشلاندى. جامائەتچىلىك ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىۋاسىتە سۆھبىتىنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى ئىختىلاپنى تۈگىتىش تۈگىتەلمەسلىكىگە دىققەت قىلماقتا.
ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ھاسىل قىلغان ئورتاق ھەرىكەت پىلانىنىڭ مۇددىتى توشۇشقا ئاز قالدى، بۇنىڭ بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىمۇ ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى. بۇ يىل 5-ئايدا، ئىران- ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيەدىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئاخىرقى كېلىشىم ھاسىل قىلىش مەسىلىسىدە ئۆتكۈزگەن 4- نۆۋەتلىك سۆھبىتى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشەلمەي، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ۋەزىپىسى بارغانسېرى جىددىيلەشتى.
9-، 10-ئىيۇن، ئىران ئامېرىكا بىلەن يادرو مەسىلىسىدە بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىراننىڭ پوزىتىسىيىسى نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئاكتىپ بولىدۇ؟. ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ
بىۋاسىتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەسىرى زادى قانداق بولىدۇ؟.
ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى سۆھبەتنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زادى نەدە؟ بۇ مەسىلىلەر جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئورتاق ھەرىكەت پىلانىغا ئاساسەن، ئىران بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە بىر قىسىم نازۇك يادرو ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ، غەرب ئەللىرىنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئىقتىسادىي جازاسىنى يېنىكلىتىشى كېرەك. ئورتاق ھەرىكەت پىلانىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى توشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئىران ئالتە دۆلەت بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىشنىڭ ئاخىرقى كېلىشىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن سۆھبەت ئىلىپ بېرىپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ئۇزاق ۋاقىت ھەل قىلىشنىڭ لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.
ئىراننىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى روخانى ئۆتكەن يىلى زۇڭتۇڭلۇق ئورنىغا چىققاندىن كىيىن، يادرو مەسىلىسىدە غەرب ئەللىرى بىلەن يارىشىشىنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ بىر مۇھىم نۇقتىسى قىلدى. ئىران بىلەن غەرب ئەللىرى يادرو مەسىلىسىدە ئاخىرقى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا موھتاج. بىراق ئۇنىڭ ئەكسىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئىران تېخىمۇ موھتاج. چۈنكى ئىران ئىقتىسادىي غەرب ئەللىرىنىڭ جازالىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، روخانى بۇ توسالغۇنى بۇزۇپ تاشلىماقچى بولدى.
بۇ يىل 5-ئايدا، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى، ئىراننىڭ كونكرېت تەدبىر قوللىنىپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يادرو قوراللىرىغا چېتىشلىق بولغان ئىككى قاتلامدىكى ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى نازارەت قىلىشقا قوشۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇندىن ئىلگىرى، ئىرانمۇ بىر قىسىم يادرو ئەسلىھەلىرىنى توڭلىتىش ۋە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ ئۆزىنىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە بىر قىسىم يول قويۇش تەدبىرلىرىنى قوللانغان ئىدى.
ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئىران-ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە تەرەپ بىلەن جەنۋەدە ئورتاق ھەرىكەت پىلانىنى ھاسىل قىلىشدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا بىلەن ئىران مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇ يىل 10- ئىيۇن سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئىراننىڭ يادرو سۆھبەت ۋەكىلى ئاراكچى، ئىككى تەرەپنىڭ تولۇق پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى، بىراق ئىختىلاپلارنىڭ يەنىلا ساقلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىران يەنە رۇسىيە ، فرانسىيە ۋە گېرمانىيە بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. چەتئەللەر بۇ بىۋاسىتە سۆھبەتلەرنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشغا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا.
روخانى يېقىندا مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: ئىران ئالتە دۆلەت بىلەن ئاخىرقى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ، بىراق، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرقى كېلىشىمنى ھاسىل قىلىش قىلالماسلىقتا چەتئەللەرنىڭ گۇمانى بارغانسېرى كۈچەيتمەكتە. ئاراكچى يېقىندا، سۆھبەت مۇددىتىنىڭ يەنە ئالتە ئاي ئۇزارتىلىشى مۇمكىنلىكىنى ، بىراق سۆھبەت مۇددىتى ئۇزارتىلىدىغان بولسا سۆھبەتنىڭ يەنىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەت يېقىندا بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەردە ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشەلمىدى، ئوران قويۇلدۇرۇش مەسىلىسىدە، ئىران ئىزچىل تۈردە ئوران قويۇلدۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، سېنترىفۇگنى 19 مىڭدىن 50 مىڭغا كۆپەيتىشنى ئۈمىد قىلدى؛ غەرب ئەللىرى بولسا ئىراننىڭ نەچچە مىڭ سېنترىفۇگنى ساقلاپ قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. ئىقتىسادى جەھەتتىن جازالاشنىڭ چەكلىمىسى مەسىلىسىدە، ئىران غەرب ئەللىرىنىڭ تۆت بەش يىل ئىچىدە جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. غەرب ئەللىرى بولسا ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازالاش مۇددىتىنى، ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ خەلق ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىش خاراكتېرىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جازانىڭ 10 يىلدىن 15 يىلىغىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. غەرب ئەللىرى يەنە ئىراننىڭ پارچىن ھەربىي ئىشلار بازىسىدا يادرو ئوق بېشىنى ئىلىپ يۈرۈدىغان تېرياكتوريەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەجرىبە قىلىۋاتقانلىقىدىن گۇمان قىلىپ، بۇ بازىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئىران بۇنىڭغا كۈچلۈك قارشى تۇرۇپ، بۇ ئىگىلىك ھوقۇققا دەخلى يەتكۈزۈش ھەرىكىتى، دېدى.
سۆھبەت ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۇزاق مۇددەت شەكىللەنگەن ئۆز ئارا ئىشەنمەسلىكنى تۈگىتەلمەيدۇ. تېھران ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئاخىرقى كېلىشىم ھاسىل قىلىشدا ئىران ناھايىتى زور جانلىق پوزىتسىيە قوللاندى. بىراق ئامېرىكا ئىزچىل تۈردە ئىراننىڭ بۇ يول قويۇش تەدبىرىدىن گۇمانلانغانلىقتىن، ئىككى تەرەپنىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئافغانىستان Cevizcan رايونى، 17 نەپەر تالىبان ئەزالىرى ئافغانىستان دائىرىلىگە تەسلىم بولدى ھەمدە قوراللىرىنى تاپشۇردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved