ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى 22-ئۆكتەبىر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ نامزات رەئىسى سوك كۆرسەتكەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىسىملىكىنى ماقۇللىدى. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى شۇ كۈنى 423 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 209 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، 67 ئاۋازنىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشىدەك نەتىجە بىلەن بۇ ئىسىملىكنى ماقۇللىدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا كومىتېتى 28 كىشىدىن تەشكىللەندى، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتتىن كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيە يۇقىرى پالاتاسىنىڭ رەھبىرى جۇناسىن شېر پۇل-مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى ۋە كاپىتال بازىرىنىڭ ئەزالىقىغا، فىرانسىيەنىڭ سابىق ئىقتىساد ۋە مالىيە مىنىستىرى پىئىر موسكىۋىچ ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەندى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved