خەلق تورى خەۋىرى:
تۈنۈگۈن شىياڭگاڭلىق بىر ئەر بەدىنىگە 94 دانە iPhone نى باغلاپ چېگرىدىن كىرگەندە شېنجېن تاموژنىسىدا تۇتۇلۇپ قالغان.
1-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 20 دە ئۇچىسىغا قىزىل تەنھەرىكەت چاپىنى ۋە قارا تەنھەرىكەت ئىشتىنى كىيگەن بىر ئەر تاموژنا خادىملىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ يولۇچىنىڭ يۈك-تاقىلىرى ناھايىتى ئاز. قولىدا ئاران ئىككىلا سۇلىياۋ خالتا كۆتۈرىۋالغان بولسىمۇ يول مېڭىشلىرى غەلىتە ئىدى، بوغۇملىرى ئېگىلمىگەن ، مۇسكۇللىرى تارتىشىپ قالغاندەك ، خۇددى ئېغىر يۈك كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقاندەك بولۇپ قالغانىدى.
تاموژنا خادىملىرى نەخ مەيداندىلا ئۇنى توسۇپ تەكشۈرگەن ، لېكىن ئۇنىڭ يۈك تاقىسىدا گۇمانلىق نەرسە بايقالمىغان . لېكىن تاموژنا خادىملىرى ئۇنى مېتال تەكشۈرۈش ئىشىكىدىن ئۆتكۈزگەندە ئۈسكۈنە سايراپ كەتتى. ئۇندىن كېيىن تاموژنا خادىملىرى ئۇ ئەرنى تەكشۈرۈش رايونىغا ئېلىپ بېرىپ تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان .
تەكشۈرۈشتىن خادىملار ئۇنىڭ كۆكرەك قىسمى ، قورساق ، دۈمبە ۋە پاقالچاق قىسىملىرىدا نۇرغۇنلىغان ئالما تېلفۇنىنىڭ باغلاقلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان .
ئۇنىڭ بەدىنىگە باغلانغان تېلفۇن جەمئىي 94 دانە بولۇپ ھەممىسىلا بازىرى ئىتتىك بولۇۋاتقان iPhone6 ۋە iPhone5S ئىكەن . ئومۇمىي قىممىتى 300مىڭ يۇەندىن ئاشىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved