خەلقئارا پۇتبول تارىخى ۋە ئىستاستىكا بىرلەشمە كومتىتى 2015-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر مەشقاۋۇللارنى باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، بارسېلونا مەشقاۋۇلى ئىنرىك ھەممە رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەشقاۋۇل بولۇپ باھالاندى، بايرىن مىيۇنخىن مەشقاۋۇلى گۇئادىيالا ئىككىنچىلىكىككە، يۇۋېنتۇس مەشقاۋۇلى ئالېگرى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى. 2015-يىلى، ئىنرىك بارسېلونانى يېتەكلەپ ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلىقى، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونلىقى، ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونلىقى، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلىقى ۋە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن. ئىنرىك بۇ نەتىجىلىرى بىلەن 165 نومۇرغا ئېرىشىپ، 86 نومۇرغا ئېرىشكەن گۇئادىيالانى مەغلۇب قىلىپ، ئەڭ مۇنەۋۋەر مەشقاۋۇل بولۇپ باھالاندى. بايرىن مىيۇنخىننىڭ كېلەر نۆۋەتلىك مەشقاۋۇلى ئەنچىلوتتى ئالتىنچىلىككە ئېرىشتى، مادرىد مەشقاۋۇلى بېنىتېز ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرەلمىدى.
يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر مەشقاۋۇللار تىزىملىكى:
1. ئىنرىك (بارسېلونا) 165 نومۇر
2. گۇئادىيالا (بايرىن مىيۇنخىن) 86 نومۇر
3. ئالېگرى (يۇۋېنتۇس) 43 نومۇر
4. ئەمرى (سېۋىللا) 39 نومۇر
5. گالاردو (دەريا قىنى) 33 نومۇر
6. ئەنچىلوتتى (كېلەر نۆۋەتلىك بايرىن مەشقاۋۇلى) 19 نومۇر
7. سىمونىي (مادرىد رىقابەت) 12 نومۇر
8. خېكىڭ ( بۆرە قەلئەسى) 6 نومۇر
9. بلانك ( پارىژ سانت گېرمان) 5 نومۇر
10. ماسكىۋىچ (دىنىپرو) 4 نومۇر
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved