ئەنگلىيە پارلامېنتى ھاۋا ئارمىيەسىگە «شام ئىسلام دۆلىتى»گە ھۇجۇم قىلىش ھوقۇقى بەردى

              ئەنگلىيە پارلامېنتى ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە «شام ئىسلام دۆلىتى»گە ھاۋادىن  زەربە بېرىش ھوقۇقى بەردى


   جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى، لوندون، 2-دېكابىر تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە  پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى 2-دېكابىر كەچ بېلەت تاشلاش ئارقىلىق بىر تۈرلۈك تەكلىپ  لايىھەسىنى ماقۇللاپ، ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە سۈرىيەدىكى «شام ئىسلام دۆلىتى»  قوراللىقلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ھوقۇقى بەردى.

   10 سائەتكە سوزۇلغان مۇنازىرىدىن كېيىن، ئەنگلىيە  پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى 397 قوللاش بېلىتى، 223 قارشى بېلەت بىلەن بۇ تەكلىپ  لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

   ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون مۇنداق دېدى: توختىماي تېررورلۇق  ھۇجۇمى قوزغاۋاتقان «شام ئىسلام دۆلىتى»گە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش قانۇنلۇق، شۇنداقلا  ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە پايدىلىق. ئەنگلىيە فىرانسىيە ۋە باشقا  ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بىرگە سۈرىيەدە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ،  تېررورىزمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، «شام ئىسلام دۆلىتى»دىن غالىب كېلىشى كېرەك.

   بۇلتۇر سېنتەبىردە ئەنگلىيە پارلامېنتى ئەنگلىيە ھاۋا  ئارمىيەسىگە ئىراقتىكى «شام ئىسلام دۆلىتى» قوراللىقلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىش  ھوقۇقى بېرىشكە قارىتا بېلەت تاشلاپ ئىپادە بىلدۈرگەن، بىراق، بۇ ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ  سۈرىيەگە كېڭىيىشىنى قوللىمىغان. پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن  ئەنگلىيە سىياسىي سەھنىسى ھۆكۈمەتنىڭ سۈرىيەدىكى «شام ئىسلام دۆلىتى»  قوراللىقلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشىنى قوللىغان.

   ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگلىيە  ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سەككىز بومباردىمانچى ئايروپىلانى نۆۋەتتە سىپروستىكى ھاۋا  ئارمىيە بازىسىدا بۇيرۇق كۈتۈۋاتقان بولۇپ، ئەڭ بالدۇر بولغاندا ئۈچ كۈن ئىچىدە  جەڭگە ئاتلانسا بولىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
03-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek