يەنە بەدەن چېنىقتۇرماسلىققا باھانىڭىز بارمۇ ؟

 

ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.كانادا مكماستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭدېيىشىچە، ھېچ بولمىغاندا بىر مىنۇت كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىشمۇ خېلى ئوبدانلا ئۈنۈم بېرىدىكەن.

 

تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، بىر مىنۇت كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىش بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، تەننىڭ ساغلام بولۇشىغاپايدىلىق ئىكەن. ئەلۋەتتە، بۇ بىر مىنۇتتا قانداق ھەرىكەت قىلىشمۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىنتايىن مۇھىم.
 تەتقىقاتچىلار ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن 14كىشىنى بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋېلسىپىتىنى مىنگۈزگەن. ئۇلار ئاۋال ئىككى مىنۇت بەدەن قىزىتىش ھەرىكىتى ئىشلىگەن، ئاندىن ئۈچ گۇرۇپپا بويىچە 20 سېكونت ۋېلسىپىت تەپكىسىنى پۇتى بىلەن كۈچلۈك ئايلاندۇرغان، ھەر بىر گۇرۇپپا ئارىلىقىدا ئىككى مىنۇت ئاستىلىنىش بولغان، ئاخىرىدا ۋېلسىپىتنى 3 مىنۇت ئەركىن ھالەتتە ھەيدىگەن.بۇنىڭغا جەمئىي 10 مىنۇت كەتكەن، مۇشۇ تەرىقىدە بىر ھەپتىدە ئۈچ قېتىمدىن جەمئىي30 مىنۇت سەرپ قىلغان.

 


6 ھەپتىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى12 پىرسەنتئاشقان، مۇسكۇل ھەرىكىتى كۈچەيگەن، قان بېسىممۇ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان. ئۇنىڭدىنباشقا، ئەرلەرنىڭ قان شېكىرى نورماللاشقان.تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: بۇنىڭدا چوقۇم ۋېلسىپىت مىنىش تەكىتلەنمەيدۇ، تېز سۈرئەتتە پەلەمپەيدىن چىقىش ھەتتا ئۆز ئورنىداتۇرۇپ پۇتنى ئىگىز كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈش ئارقىلىقمۇ ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. كانادا بۇ تەتقىقات تۈرىنى ئىشلەشتىن ئىلگىرى،ئامېرىكا ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرىمۇ ھەر قېتىمدا ئوتتۇرا ۋە كۈچلۈك رېتىمدىكى ھەرىكەتنى بىر مىنۇت داۋاملاشتۇرسا بەدەن چېنىقتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاياللار بىر مىنۇت كۈچلۈك ھەرىكەت قىلسا بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچى BMI، 0.07 گە تۆۋەنلەيدىكەن؛ ئەرلەرنىڭ 0.04 كە تۆۋەنلەيدىكەن.

ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى:نۇرغۇن كىشىلەر بەدەن چېنىقتۇرغاندا زىيادە كۈچەپ كېتىدىغان ياكى يالتىيىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، ئۇلار بەزىدە ئىزچىل داۋاملاشتۇرمىغان ھەرىكەتنى قىلغاندىن قىلمىغان ياخشى دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەر قانداق جايدا قىلسا بولىۋېرىدۇ،مەسىلەن: بىر تەرەپتىن مۇزىكا ئاڭلىغاچ ئۆي تازىلاشمۇ ياخشى ھەرىكەت؛ ئىشتىن چۈشكەندە ئاپتوبۇستىن بىر بېكەت بۇرۇن چۈشۈپ پىيادە مېڭىپ ئۆيگە قايتىش، ياكى بالىلار ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ سىرتلاردا سەيلە قىلىش، ئىتلارنى ئايلاندۇرغاندا ئىت بىلەن تەڭ يۈگۈرۈش، يۇقۇرىقىلارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاشلا بەدەن چېنىقتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئادەمنىڭ ھەركەت قىلىش ئارقىلىق بەدەننى چېنىقتۇرۇپ، ئۆزىنى تاۋلىشى- روھى ئازادىلىكنىڭ روشەن سىمۋولى، شۇنداقلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنىڭ ئاساسى.

 

خەلق ئاممىسىنىڭ سەھىيە- ساقلىقنى ساقلاش سەۋيەسىنىڭ ئۈسۈشىگە ئەگىشىپ، كىشلەرنىڭ سەھەر تۇرۇپ، پىيادە يول مېڭىپ، يۈگۈرۈپ، گىمناستىكا ۋە ھەر خىل ھەركەتلەرنى ئويناپ خوشال، ئەركىن كەيپىيات بىلەن قىزغىن بەدەن چېنىقتۇرۋاتقانلىقى دائىم كۆزىمىزنىڭ چېلىقىپ تۇرىدۇ. ئادەم كېچىدە ئۇخلىغاندا تۇمۇرلاردىكى قان ھەركەتتىن توختايدۇ ھەم مەلۇم دەرىجىدە قان تۇمۇردا ئۇيۇپ قېلىش ھالىتىدە تۇرىدۇ. سەھەر تۇرۇپ سىرىتلارغا چىقىپ ھەركەت قىلغاندا سۈمۈردىغان ئوكسىگىن مىقدارى ئۆيدە ئولتۇرغان چاغدىكىدىن 3 ھەسسە كۆپ بۇلىدۇ. ئەگەر ئادەم ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە پىيادە مېڭىپ ياكى يۈگۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇرشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە نەپەس يوللىرى ۋە ئۆپكىنىڭ ھەركىتى كۆرىنەرلىك ياخشىلىنىپ بىرىدۇ. ھەركەت ئارقىلىق يۈرەك مۇسكۇللىرمۇ مۇناسىپ ھالدا چېنىقىش رولىغا ئىگە بۇلىدۇ. سەھەردە ھاۋا ساپ ۋە سالقىن بولغاچقا بەدەن قۇبۇل قىلىدىغان ئوكسىگىن كۆپىيدۇ، شۇنىڭ بىلەن نېرۋا سېستىمىلىرنىڭ خىزمىتى ياخشىلىندۇ. قان ئايلىنىش ياخشىلىندۇ، سەھەردە ھەركەت قىلغاندا قان تۇمۇرنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلىغىلى بۇلىدۇ. ئادەم بىر سوتكا ئىچىدىكى بىر سائەت ۋاقتىنى ئاجىرتىپ ھاۋاللىق مەنزىرلىك جايلاردا ئاستا يۈگرەش ياكى تىز مېڭىشنى قەتئى داۋاملاشتۇرسا ئۇنىڭغا بولغان ساغلاملىقى ياخشى بۇلىدۇ.

 

ئۇمۇمەن ئالغاندا 37 خىل بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەركەتلىرى ئىچىدە ئەڭ ئاسان شارائىت تاللىمايدىغان ھەر قانداق ياشتىكىلەرگە ماس كىلدىغىنى پىيادە يول مېڭىش بۇلۇپ، ئادەم پىيادە يول ماڭغاندا پۈتۈن بەدىنى ھەركەتكە كىلىپ ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ئۆز- ئارا ماسلىشچانلىق كۈچىيدۇ. پىيادە يول مېڭىپ چېنىققاندا ئىمكان قەدەر تەرلەش پايدىلىق. يۈگۈرۈشتە ئاستا يۈگۈرۈش تەلەپ قىلىندۇ. يۇگۈرۈش- پىيادە مېڭىشنىڭ يۇقۇرى پەللىسى بۇلۇپ ئۇنىڭ تەنتەربىيە ھەركەتلىرى ئىچىدىكى ئۈنۈمى پىيادە يول مېڭىشتىنمۇ يۇقۇرى ئۇرۇندا تۇردۇ. لىكىن يۇگۈرگەندە ئاستا يۈگۈرۈش ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ئۇزۇنغا يۈگرەشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئەۋزەللىكى بار.

 

1. ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش- مىڭە قان تۇمۇرلىرنى راۋانلاشتۇرۇپ، مېڭە ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇ، مىڭە قان تۇمۇرلىرنىڭ تۇسۇلۇشى ۋە يىگىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 

2. ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش- ئۆپكىنىڭ ھاياتلىق كۈچ- قۇۋتىنى ئاشۇرىدۇ. نەپەس يوللىرنى راۋان قىلىدۇ. كۆكرەك قەپىزىنى كېڭەيتىدۇ.

 

3. ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش- بەدەن قۇۋىتىنى ئاشۇردۇ، ھەركەت سۈپىتىنى يۇقۇرى كۈتىرىدۇ. پۇت- قول، ئوقرەك، يوتا قاتارلىق ھەر قايسى قىسىملارنىڭ چىدامچانلىقىنى كۈچەيتىدۇ. پۇت- قوللار ئاسان قايرىلىپ كەتمەيدۇ، قان ئاسان سوۋۇپ كەتمەيدۇ.

 

4. ئۇزۇنغا يۈگرۈش- بەدەن ئېغىرلىقىنى كېمەيتىپ، زىيادە سەمىرىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بەدەن تۈزلىشىنى چىرايلىق، كىلىشكەن، بەستلىك، قامەتلىك قىلىدۇ، ئادەمنى جانلىق تىتىك قىلىدۇ.

 

5. ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش- ئادەمنىڭ روھى- كەيپىياتىنى ياخشىلايدۇ. روھى- ھالەت بىلەن ئورگانىزىمنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى نورماللاشتۇردۇ. روھى چۈشۈپ كىتىش ۋە نېرۋا ئاجىزلىقىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك.

 

نۆۋەتتە، جەمئيەت تەرەقىياتىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققياتنىڭ ئۇچقاندەك تىز ئىلگىرلىشى ۋە تۇرمۇش رىتىمىنىڭ ئۆزگىرشىگە ئەگىشىپ، ئىلگىرى قول بىلەن تۇتۇپ ئىشلەيدىغان ئېغىر جىسمانى ھەركەتلەر ئازىيىپ ئۇنى ماشنا- ئۈسكۈنلەر ئارقىلىق ئىشلەپچىقىردىغان بولدى. پىيادە مېڭىش ئازىيىپ ھەممە ئادەم ماشنىغا ئولتۇردىغان ئەھۋال شەكىللەندى.نەتىجىدە جىسمانى ئەمگەك ۋە ھەركەتمۇ ئازىيىپ كەتتى. شۇ سەۋەبتىن ھازىرقى زامان كىشلىرنىڭ ئۇزۇقلىنىش سۈپىتى يۇقرى بولسىمۇ، ئەمگەك ۋە ھەركەت يىتەرلىك بولمىغاچقا، كۆپلىگەن كىشلەردە بەدەن مۇسكۇللىرنىڭ ئاجىزلىششىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭا بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەركەتلىرى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىپ، بۇ بوشلىقنى تولدۇرۇشنى تەكىتلەش ئىنتايىن زۈرۈر بۇلۇپ قالدى.

 

قەدىمكى گىرىتسىيە مۇتەپپەككۇرى ئارىستوتېل بۇرۇنلا كىشلەرگە « ئادەمنى ئەڭ تېز قېرىتىدىغان نەرسە، ئۇزاق مۇددەت جىسمانى ھەركەتتىن ئايرىلىپ قېلىش» دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. دورىلارنىڭ كېسەللەرنى داۋالاشتا مەلۇم شىپالىق رولى بولسىمۇ لېكىن ھەممىگە قادىر ئەمەس، بەدەن مۇسكۇللىرنىڭ ئاجىزلىشىشى، بوشاپ كېتىشى، يىگىلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا- پەقەت جىسمانى ھەركەتلەر بىلەن بەدەننى چېنىقتۇرۇشلا ئۈنۈملۈك رول ئوينىيالايدۇ. چۈنكى، ھاياتلىق- ھەركەتتە، ئادەمدە ھەركەت بولمايدىكەن ئۇنداقتا ھاياتمۇ بولمايدۇ. جىسمانى ھەركەت يىتەرسىز بولغان ھاياتلىق ساغلام بولمايدۇ. ئۆمرىمۇ بىر قەدەر قىسقا بولىدۇ. ئۇزاق مۇددەت جىسمانى ھەركەت قىلىشتىن ئايرىلىپ قالغان، ئادەملەرنىڭ ئىچكى ئەزالارنىڭ تەرەقىياتى يىتەرلىك بولمايدۇ. جۈملىدىن ئىچكى ئەزالار تۇلۇق يېتىلمەيدۇ. يېتىلگەن تەقدىردىمۇ جىسمانى ھەركەتتىن چىقىۋالسا ئىچكى ئەزالار ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئادەتتە جىسمانى ھەركەتلەر بىلەن بەدىننى چېنىقتۇرمىغان كىشى، تۇيۇقسىز ئۆرلىگەن قان بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

 

ساغلام بۇلۇشنى ۋە ئۆمىرىنى تېخىمۇ ئۇزارتىشىنى ئارزۇ قىلغان ھەر بىر ئادەم ياخشى يەپ ئىچىشنىلا بىلىپ، جىسمانى ھەركەت قىلىشقا سەل قارايدىكەن ياكى جىسمانى ھەركەتتىن چىقىۋالىدىكەن، ئۇنىڭ بەدىنى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، بەدەن ساپاسى دىگەندەك ياخشى بولمىغان، ئادەتتىكىچە بىر ئادەم ئۆزىنى ياخشى كونتىرول قىلىپ دائىم جىسمانى ھەركەتلەر بىلەن بەدەن چېنىقتۇرسا، ئۇنىڭ بەدەن ساپاسى تېخىمۇ ياخشىلنىپ ھاياتى كۈچى ئاشىدۇ. ئادەم ئاستا يۈگۈرگەندە ياكى تىز- تىز ماڭغاندا بولسۇن ياكى گىمناستىكا ۋە ھەر خىل گۇمپىلارنى ئوينىسۇن ياكى زامانىۋى چېنىقىش سايمانلىرى بىلەن بەدىنىنى تاۋلىسۇن، ھەركەت ئارقىلىق ئادەمنىڭ ھەممە ئەزاسى چېنىقىدۇ.

 

ئادەم ھەركەت قىلغانسىرى ئىچىكى ئەزالارنىڭ قۇۋۋىتى ئېشىپ بارغانسىرى كۈچىيدۇ. نەتىجىدە بەدەندىكى ئارتۇقچە ماي، قەنىت ۋە چىقىرىندىلار تەر بىلەن چىقىپ كىتىپ بەدەن ساغلاملىشىدۇ. بەدەننىڭ ھەر خىل كېسەللەرگە قارشى ئىمونتىت كۈچى ئاشىدۇ. ئادەم ھەر خىل جىسمانى ھەركەتلەر ۋە جىسمانى ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇلىنىش ئارقىلق زۇكام، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ئۇيقۇسىزلىق، ھەر خىل سۈپەتلىك ئۆسمە، يۈرەك قان تۇمۇر تۇسۇلۇپ قېلىش، دىئابىت كىسلى، سارىس كېسىلى، ئەيدىز كېسلى، يۇقىرى قان بېسىم كېسلى قاتارلىق كېسەلىكلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىپ قالالايدۇ.

 

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK

 



خەتكۈچلەر:
22-12-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
    فرانسىيە فىگارو گېزىتىنىڭ 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 26- ئاپرېل ئېلان قىلىنغان بىر پارچە تەتىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاشقازان ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى بولغان نورو ۋىرۇسى...
27-04-2016
    جىددىي كېسەللىك كۆرۈلگەندە، دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلېفون قىلىشتىن باشقا، يەنە جان قۇتقۇزىدىغان دورا ئىچىش لازىم. لېكىن بىر قىسىم جان قۇتقۇزىدىغان دورىنى يورۇقلۇققا قويۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، كۈن چۈشكەندىن كېيىن ئو...
27-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 6-چېسلا خەۋىرى: دۇنيادىكى ھەر قانداق ئادەمنىڭ بىر كۈن بولسىمۇ ئارتۇق كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرگىسى بار. بىراق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئادەتتىكى تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلى...
27-04-2016
    ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتلىشىچە، بوۋاقلارنىڭ مۇزىكا بىلەن ئۇچرىشىشى مۇزىكا تۇيغۇسىنى يېتىشتۈر...
26-04-2016
يەتتە سائەتتىن توققۇز سائەتكىچە ئۇخلايدىغانلارغا قارىغاندا يۈرەك كېسىلى، دىيابېت كېسىلى بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسىمۇ ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن، سۈپەتلىك ئۇيقۇ ساغلاملىقنىڭ ئەڭ مۇھىم كاپالىت...
26-04-2016
    سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستاننىڭ پۇنجاپ ئۆلكىسىدە بىر ئەر نەۋرىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ يېقىن دوستلىرىغا قەندالەت تارقىتىپ بەرگەن، ئەمما ...
26-04-2016
   فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 25-ئاپرېل، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، كېيىنكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە، زىكا ۋىرۇسى بىمارلىرىنىڭ سانى «كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ»، زىكا ۋىرۇسى دۇنيادىكى ...
26-04-2016
ناتوغرا تۇرمۇش ئادىتى سالامەتلىككە زىيانلىق. كىشىلەر ئادەتتە تاماقتىن كېيىنكى بىر قىسىم ئادەتلىرىگە سەل قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ناتوغرا ئادەتلەر ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ساغلاملىقىغا زور تەسىر يەتكۈزىدۇ. تاماقتىن كېيىنلا مېۋە يېمەسلىك ...
26-04-2016
يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ پەيدا بولۇشى تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن باشقا، يەنە يۈرەك كېسىلى، مېڭە سەكتىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىشىمۇ تۇزنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىراق، ئامېرىكىنىڭ 17 دۆل...
25-04-2016
گېرمانىيەلىك ئادەم بەدىنىگە رەسىم سىزغۇچى سەنئەتكار لىئونى ۋە جورىگ فوتوگراف لايىلا، ئۇۋى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 2008-يىلدىن ھازىرغىچە ئادەم ۋە تەبىئەتنىڭ مۇكەممەل بىرىككىشىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن نادىر ئەسەرلەرنى كىشىلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇ ...
Powered by Leglek