چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدىكى ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان يىگىت ئۆمەر بىلەن ئوماق قىز ئامىيە ئەسلىدە ئىنتايىن ماسلاشقان بىر جۈپلەردىن ئىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىگە كۆز تەگكەندەك ئۆمەر ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، ئىزچىل دوختۇرخانىدىلا بولدى، ئامىيە بولسا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئامىيە يېقىندا ئۆمەرنىڭ ئاخىرقى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم تاللاش، يەنى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى قارار قىلدى. 14-ئىيۇن ئۆمەربىلەن ئامىيە ئاتا-ئانىلىرى، دوختۇر-سېسترالارنىڭ ھەمراھلىقىدا دوختۇرخانىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، ئۆمەر ئۇلار توي قىلىپ ئۈچىنچى كۈنى ئۆلۈپ كەتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved